ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | قەبرە بېشىدا ۋەز – نەسىھەت قىلىش قايسى شەكىلدە بولۇشى كېرەك؟

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 945 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

160 – باب: قەبرىنىڭ يېنىدا ۋەز – نەسىھەت قىلىش توغرىسىدا

945 – ئەلى ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْه نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز «بەقى غەرقەد» قەبرىستانلىقىغا بىر ئادەمنى يەرلىككە قويغىلى چىقتۇق. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى. بىزمۇ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ چۆرىسىدە ئولتۇردۇق. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، ھاسا بىلەن يەرنى جىجىپ تۇرۇپ: «ھەرقاندىقىڭلارنىڭ دوزاختىكى ۋە جەننەتتىكى ئورنى بېكىتىلىپ بولغان» دېدى. ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ، ئۇنداقتا بىز (ئەمەل – ئىبادەتنى تەرك ئېتىپ) تەقدىرىمىزگىلا تايانمايلىمۇ؟» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌: «ئەمەل قىلىڭلار، چۈنكى ھەر ئادەم نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان بولسا،شۇ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ» دېدى. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رَحِمَهُ ‌اللَّه بۇ ھەدىستىكى «قەبرە بېشىدا ۋەز – نەسىھەت قىلىش» توغرىسىدىكى مەزمۇن ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

«(يۇقىرىقىدىن باشقا ھەدىسلەردىمۇ قەيت قىلىنغىنىدەك) رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئەنسارلاردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ جىنازىسىغا كەلدى. شۇ چاغدا ساھابىلەر قەبرە كولاۋاتقان بولۇپ، تېخى تولۇق كولاپ بولالمىغانىدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قەبرىنىڭ ئەتراپىدا بىر يەردە ئولتۇردى، يېنىدىكى ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ چۆرىسىدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى سەۋەبلىك، خۇددى باشلىرىغا قونۇۋالغان قۇشنىڭ ئۈركۈپ كېتىشىدىن قورققاندەك جىممىدە ئولتۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇلارغا قىسقا ۋەز – نەسىھەت قىلدى. قەبرىنىڭ يېنىدا ۋەز – نەسھەت قىلىش مانا مۇشۇ شەكىلدە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆرە تۇرۇپ، خۇتبە سۆزلىگەندەك ۋەز – نەسىھەت قىلىش رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يولىغا زىتتۇر. ئەگەر كىشىلەر قەبرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقان، شۇنداقلا (قەبرە تېخى كولىنىپ بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك) مېيىت دەپنە قىلىنمىغان بولسا، كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تەبىئىي پاراڭلاشقاندەك تەرزدە، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىن. ۋەز – نەسىھەت قىلىدىغان بولساڭ، شۇ چاغدا قىلغىن.

بەزىلەر ئىمام نەۋەۋى قويغان «قەبرىنىڭ يېنىدا ۋەز ئېيتىش توغرىسىدا» دېگەن باب ئىسمىنى (ئىمام بۇخارىمۇ مەزكۇر باب ئىسمىنى قوللانغان) خاتا چۈشىنىۋېلىشقان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا ئاساسەن، «قەبرە بېشىدا خۇتبە سۆزلىگەندەك يۇقىرى ئاۋازدا، <ئى الله نىڭ بەندىلىرى!> دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۆز باشلاپ ۋەز – نەسىھەت قىلىش كېرەك» دەپ ئويلىۋېلىشقان. بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر ۋە بۇنداق قىلىش (يەنى قەبرە بېشىدا خۇتبە سۆزلىگەن تەرزدە ۋەز – نەسىھەت قىلىش) خاتادۇر. قەبرە بېشىدا ۋەز – نەسىھەت قىلىش سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە بولۇشى كېرەككى، ئىنسانلار قەبرىلەرنى مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ، جۈمە خۇتبىسى سۆزلىگەندەك خۇتبە سۆزلىمىگەي!