ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | گۈزەل ئەخلاق بەندىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىگىلا خاسمۇ؟

ئەنەس رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْه نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىق كىشى ئىدى. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «مكارم الأخلاق» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن:

كۆپىنچە كىشىلەر گۈزەل ئەخلاق پەقەت ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىگىلا خاس بولۇپ، بەندىنىڭ  الله بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە ئالاقىسىز، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، بۇ بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىدۇر. چۈنكى، گۈزەل ئەخلاق بەندىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە بولغىنىدەك، بەندىنىڭ الله بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدىمۇ بولىدۇ. دېمەك، «گۈزەل ئەخلاق» تېمىسى ھەم بەندىنىڭ الله بىلەن بولغان مۇئامىلىسىنى، ھەم بەندىنىڭ باشقا بەندىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەممەيلەن بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى (يەنى «گۈزەل ئەخلاق»نى تارايتىپ چۈشىنىۋالماسلىقى) كېرەك.

1. بەندىنىڭ  الله بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدىكى گۈزەل ئەخلاق

بەندىنىڭ  الله بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدىكى گۈزەل ئەخلاق مۇنداق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1)  الله نىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى الله رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە ۋەھىي قىلغان قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتنى) راست دەپ قوبۇل قىلىش.

(2) الله نىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

(3) الله نىڭ تەقدىرىگە سەۋر قىلىش ۋە رازى بولۇش.

بەندىنىڭ  الله تعالى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدىكى گۈزەل ئەخلاق مانا مۇشۇ ئۈچ خۇسۇسقا باغلىقتۇر.

2. بەندىنىڭ  باشقا بەندىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسىدىكى گۈزەل ئەخلاق

باشقا بەندىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدىكى گۈزەل ئەخلاققا كەلسەك، بەزىلەر بۇنى «باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، (پۇل – مېلى، جىسمانىي كۈچى، زېھنى ۋە ئىلمى ئارقىلىق) باشقىلارغا سېخىيلىق قىلىش، خۇشچىراي بولۇش» دەپ تەبىرلەشكەن. مەزكۇر تەبىر ھەسەن ئەلبەسرى رَحِمَهُ ‌اللَّه دىن نەقىل قىلىنغان.» [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «مكارم الأخلاق» دېگەن ئەسىرىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]

دېمەك، بەندىلەرگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، الله تعالى نىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ كۆرسەتمىلىرىگە، جۈملىدىن پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا، ھاراملاردىن يېنىشقا سەل قارايدىغان كىشى يەنىلا ھەقىقىي مەنىدە گۈزەل ئەخلاقلىق ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ ئەكسىچە، ناماز، زاكات، روزا قاتارلىق پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارغا توڭ – قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇلارغا ئەزىيەت بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان كىشىلەرمۇ گۈزەل ئەخلاقلىق ھېسابلانمايدۇ.

الله تعالى ھەممىمىزنى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىككىلا تەرىپىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەردىن قىلغاي!