ئايەت – ھەدىس سۆزلىنىۋاتقاندا گەپنى بۆلۈشنىڭ ھۆكمى

سوئال: بىر سورۇندا دىنىي مەسىلىلەر، قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفلەر سۆزلىنىۋاتقان چاغدا، سۆزلىگۈچى سۆزىنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن سۆزنى بۆلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «islamweb» تورىدىكى 135424 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە، خۇسۇسەن ساھابىلىرىگە ئاللاھنىڭ ماختاشلىرى ۋە ئامان – ئېسەنلىك يار بولغاي!

سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىگە جىم تۇرۇپ قۇلاق سېلىش ئومۇمىي سورۇن ئەدەپلىرىدىن، خۇسۇسەن زىكىر (ئىلىم) سورۇنلىرىنىڭ ئەدەپلىرىدىندۇر. بۇ ھەقتىكى باشقا ئەدەپلەر 66444 – نومۇرلۇق پەتىۋادا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان ۋە رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ ھەدىسلىرى زىكىر قىلىنغان سورۇنلاردا گەپنى سۈكۈت قىلىپ ئاڭلاش مەسىلىسى تېخىمۇ مۇھىمدۇر. ئۆلىمالار بۇنداق مەجلىسلەردە ئاڭلىغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەپلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، مەخسۇس باب ئاجراتقان. مەسىلەن، ئىمام خەتىب باغدادى ئۆزىنىڭ «الجامع لأخلاق الراوي وآداب السامع» ناملىق ئەسىرىدە «ئاڭلاش ئەدەپلىرى» دەپ مەخسۇس باب ئاجراتقان.

شۇنداقلا، ئىبنى جەمائە «تذكرة السامع والمتكلم» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن:

«(دىنىي سورۇنلاردا) سۆزلىگۈچى مەيلى نېمە سۆزلىمىسۇن، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەسلىك، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ سۆزلىمەسلىك كېرەك. بەلكى ئۇ سۆزىنى تۈگەتكۈچە سەبىر قىلىپ، ئاندىن سۆزلەش لازىم.»

بۇ يەردە مۇھىم بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىم، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ۋە رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتقان كىشىنىڭ سۆزىنى بۆلۈش ـــ ئەگەر ئىنتايىن زۆرۈر ۋە جىددىي بىر سەۋەب بولمىسىلا ـــ باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈشتىنمۇ قەبىھ ۋە يامانراقتۇر.

قازى ئىياز «الشفا» ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە بىر باب ئاجرىتىپ مۇنداق دېگەن:

«بىلگىنكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنى ھۆرمەتلەش، چوڭ كۆرۈش خۇددى ئۇ ھايات ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا زۆرۈردۇر. بۇ ئۇ زات تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ۋە سۈننەتلىرى سۆزلەنگەن، ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ھايات كەچمىشلىرى ئاڭلانغان ئەھۋاللارغا تەدبىقلىنىدۇ (يەنى مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا سۈكۈت قىلىپ، سۆزگە قۇلاق سېلىش پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نى ھۆرمەتلەش جۈملىسىدىندۇر)»

قازى ئىياز بۇ خۇسۇستا يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى تىلغا ئالغان.

بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 66444 – نومۇرلۇق پەتىۋادىكى «توققۇز تۈرلۈك سورۇن ئەدەبلىرى»نىڭ ئالتىنچىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇرادەرلىرى سۆزلىگەندە جىم تۇرۇپ تىڭشاش، ياخشى سۆزلەرنى تاللاپ سۆزلەش، قارشى تەرەپنى نادان ياكى ھاماقەت كۆرسەتمەسلىك، شۇنداقلا مەنئى قىلىنغان تالاش – تارتىشلاردىن ساقلىنىش لازىم. پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم: <ياخشى سۆز سەدىقىدۇر> دېگەن.»

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.