ھافىز ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ مەشھۇر جىبرىئىل ھەدىسىدىكى «دېدەكنىڭ ئۆز خوجايىنىنى تۇغۇشى» دېگەن سۆزىنى شۇنداق شەرھلىگەن:
«پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكى ۋە ئىتائەتسىزلىكى بەكلا ئېغىرلاپ، بالىلار ئاپىلىرىغا خۇددى قۇلغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇلارنى تىللاپ دۆشكەلەيدىغان ۋە بىھۆرمەتلىك قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ» [فەتھۇلبارى 1/198]
