ھەدىس شەرھى | «مۇئەززىنلەر قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن ئىنسانلار بولىدۇ» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

مۇئاۋىيە ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئەززىنلەر قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن ئىنسانلار بولىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

* ھەدىستىكى «بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ» دېگەن ئىبارە توغرىسىدا، پەزىلەتلىك شەيخ خالىد سەبتى مۇنداق دېگەن: «بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئورنىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتلىك كىشلىرىنى <طويل العنق> <بوينى ئۇزۇن> دەپ سۈپەتلەيدۇ. شۇڭا «قىيامەت كۈنى بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ» دېيىلىشى، ئۇلارنىڭ شەرەپ، ئىززەت ۋە يۇقىرى ماقام ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.» [پەزىلەتلىك شەيخ خالىد سەبتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەزكۇر ھەدىسنىڭ شەرھىسىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:

«كىشىلەر قىيامەتتە تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا، مۇئەززىنلەر ئۈچۈن باشقىلاردا بولمىغان بىر ئالاھىدىلىك بار بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا بويۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولۇشىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى جاكارلاش ۋە شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر.

چۈنكى ئۇلار دۇنيادا يۇقىرى ئورۇنلاردا تۇرۇپ، الله عز وجل نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يېگانىلىقىنى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ پەيغەمبەرلىكىنى جاكارلىغان، كىشىلەرنى نامازغا ۋە نىجادلىققا چاقىرغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىمۇ قىلغان ئەمەلىگە ماس ھالدا بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ باشلىرى ۋە يۈزلىرى ئۈستۈن بولىدۇ، يەنى بويۇنلىرى ئۇزۇن بولۇش ئارقىلىق باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.» [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.]