رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«لا تُسَافِرِ الْمَرْأَةُ إِلاَّ مَعَ ذِي مَحْرَمٍ»
«ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ»
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى»دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ يەردە (ئايال كىشى مەھرەمسىز قىلسا بولمايدىغان) سەپەر ئۈچۈن ئېنىق مۇساپە تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال كىشىنىڭ ئېرى ياكى مەھرىمى يوق ھالەتتە <سەپەر> ئاتالغان ھەرقانداق يولغا چىقىشى دۇرۇس ئەمەس. مەيلى ئۇ يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كۈنلۈك، ئىككى كۈنلۈك، بىر كۈنلۈك ياكى باشقا مۇساپە بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش.
