ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە كۆرۈنۈشى ۋە ئۆرپ – ئادەتنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى توغرىسىدا

ئەللامە بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى» 6 – جىلىد 406 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: نۇرغۇن ئەرلەر ئائىلىلىرىدە ئاياللىرىنىڭ، قىزلىرىنىڭ ياكى ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ (شۇ ئەرنىڭ دوست – بۇرادەرلىرى، خىزمەتداشلىرى دېگەندەك) نامەھرەم ئەرلەرگە كۆرۈنۈشىگە يول قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، قىزلىرى ياكى ئاچا – سىڭىللىرى خۇددى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى بىلەن ئولتۇرغاندەك، بۇ ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ. بىز ئۇلارغا بۇ خۇسۇستا نەسىھەت قىلساق، ئۇلار بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەلبىنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى بۇ ھەقتە ھۆكۈمنى بىلىپ تۇرۇپ، گۇناھىنى تەرسالارچە داۋاملاشتۇرىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى بىلمەيدۇ. سىلىنىڭ مۇشۇ خىل كىشىلەرگە قانداق نەسىھەتلىرى بار؟

جاۋاب: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىدا ئۆرپ – ئادەتكە ئەمەس، شەرىئەتكە بويسۇنۇشى پەرزدۇر. ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك، ئەگەر شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولسا ئۇنى قىلىشقا بولىدۇ، شەرىئەتكە زىت بولسا ھەرگىز ئەگىشىشكە بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكى شۇ ئىشنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى مەلۇم كىشىلەرگە ياكى قەۋملەرگە ئائىت بولسۇن، بارلىق ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ توغرا – خاتالىقى چوقۇم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ۋە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ سۈننىتىگە ئاساسەن تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر بىر ئىشقا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يول قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى قىلىش دۇرۇس. ئەگەر بىر ئىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسا، ئۇ كىشىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۆرپ – ئادەت بولغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم تەرك ئېتىلىشى كېرەك.

ئەگەر مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە نامەھرەملەرنىڭ ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشىگە ياكى ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ئېچىشىغا؛ ۋەياكى زىنا – پاھىشە، بەچچىۋازلىق ۋە ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارغا سەل قارىلىدىغان بولسا، بۇنداق ئۆرپ – ئادەتلەر باتىل بولۇپ، ئۇلارنى تەرك ئېتىش پەرزدۇر.

بۇنداق قىلمىشلار چوقۇم تەرك ئېتىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ «يەرلىك ئۆرپ – ئادەت» ئىكەنلىكى يوللۇق ئۆزرە ھېسابلانمايدۇ. شەرىئەت بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈندۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئاللاھ ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان ھەرقانداق كىشى مەست قىلغۇچى نەرسىلەر، زىنا – پاھىشە، ئوغرىلىق، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈش قاتارلىق ئاللاھ تائالا چەكلىگەن بارلىق ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىشى، ئاللاھ قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشلارنى جان پىدالىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.

مەزكۇر ھۆكۈم ئائىلىگە نىسبەتەنمۇ كۈچكە ئىگىدۇر. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ھۆرمەتلىشى، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشى پەرزدۇر. ئەگەر مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ئايال ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ھىجابلانماستىن نامەھرەملەرگە كۆرۈنۈشىگە ياكى شۇلار بىلەن يالغۇز قېلىشىغا يول قويۇلىدىغان بولسا، بۇنداق ئۆرپ – ئادەتلەرنى چوقۇم تەرك ئېتىش پەرزدۇر.

مۇسلىمە ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نەۋرە ئاكا – ئۇكىلىرى، ئاچا – سىڭىللىرىنىڭ ئېرى، ئېرىنىڭ ئاكا – ئۇكىلىرى ياكى ئېرىنىڭ تاغىلىرى دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ياكى بەدىنىڭ ھەرقانداق جايىنى ئېچىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى يېپىشى پەرزدۇر.

ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ:

{وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ذَلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ}

«سىلەر ئۇلاردىن (يەنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئاياللىرىدىن) بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ» [سۈرە ئەھزاب 53 – ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە شۇنداق دېگەن:

{يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا}

«ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) قەلبىدە نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار» [سۈرە ئەھزاب 32 – ئايەت].

ئاللاھ تائالا قەلبىدە نىفاق بار ئادەملەرنىڭ تەمەدە بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇلار ھەققىدە يامان خىياللاردا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئاياللىرىنى نازاكەت بىلەن گەپ قىلىشتىن چەكلىگەن (ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، باشقا ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتكە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىشى پەۋقۇلئاددە زۆرۈردۇر، ت)

ئاللاھ تائالا يەنە شۇنداق دېگەن:

{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِأَزْوَاجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَاءِ الْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ ذَلِكَ أَدْنَى أَنْ يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا}

«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، بەدىنىنى جىلبابلىرى بىلەن ئورىسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ (ھۆر ۋە ئىپپەتلىك ئاياللار ئىكەنلىكىنىڭ) تونۇلۇشى ۋە (شۇ ئارقىلىق) ئەزىيەتتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ﷲ (بەندىلىرىگە) ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ئەڭ مېھرىباندۇر»  [سۈرە ئەھزاب 59 – ئايەت]. (بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان) «جىلباب» ئاياللار كىيىملىرىنىڭ ئۈستىگە بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ كىيىدىغان، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىمدۇر.

ئاللاھ تائالا يەنە شۇنداق دېگەن:

{وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ ۖ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ}

«مۇئمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن (قاراش ھارام بولغان بارلىق نەرسىلەرگە قارىمىسۇن)، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، (جىلبابى، پەلىيى قاتارلىق يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان) ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، جۇيۇبلىرىنى (يەنى بەدىنى، يۈزى، بوينى، كۆكرەكلىرىنى) ھىجابى بىلەن ياپسۇن، (ئاشكارا زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلاردىن)، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بۇ توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيدىغان دەرىجىدە كىچىك) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار» [سۈرە نۇر 31 – ئايەت].

بارلىق مۇسلىمە ئاياللار چوقۇم ئاللاھتىن قورقۇشى، ئاللاھ ئۇلارغا زىننەتلىرىنى كۆرسىتىش جەھەتتە ھارام قىلىپ بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.