ياشىنىپ قالغان نەۋرە ئاچام بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەم بولامدۇ؟

ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى» 7 – جىلىد 183 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: يەتمىش ياشقا كىرگەن نەۋرە ئاچام بەكلا قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پېشانىسىگە ھىجابىنىڭ ئۈستىدىن سۆيۈپ قويسام ياكى ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسىڭىز ياكى ئۇنىڭ بېشىغا ۋەياكى باشقا ھەرقانداق يېرىگە سۆيسىڭىز بولمايدۇ. ئۇ ياشىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا پەقەت سۆز ئارقىلىقلا سالام قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىز ئۈچۈن نامەھرەمدۇر. شۇنداقلا، ئۇنىڭدىن «قانداقراق ئەھۋاللىرى؟»، «بالىلىرى ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟» دەپ ئەھۋال سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:

«‌إِنِّي ‌لَا ‌أُصَافِحُ ‌النِّسَاءَ»

«ھەقىقەتەن مەن ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيمەن» [سنن النسائي البيعة (4181)، سنن ابن ماجه الجهاد (2874)، مسند أحمد بن حنبل (6/357)، موطأ مالك الجامع (1842)].

بۇ ھۆكۈم ھەم ياشانغان، ھەم ياش ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇنداقلا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەن:

«‌واللَّه ‌ما ‌مسّتْ ‌يدُ ‌رسول ‌اللَّه ‌يد ‌امرأة ‌قطّ»

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھنىڭ قولى (ئۆزىگە نامەھرەم بولغان) ھەرقانداق ئايالنىڭ قولىغا تېگىپ باقمىغان» [صحيح البخاري تفسير القرآن (4891) ، سنن أبو داود الخراج والإمارة والفيء (2941) ، سنن ابن ماجه الجهاد (2875) ، مسند أحمد بن حنبل (6/270)]

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئاياللاردىن پەقەت (قولىنى تۇتماستىن) ئاغزاكىلا بەيئەت ئالاتتى.