سوئال: «تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشىنىڭ تاھارىتى دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟
ئىمام بىن باز رَحِمَهُ اللَّهُ:
ياق، بۇ گەپ خاتا! تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشىنىڭ تاھارىتى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. بىراۋ تاھارەت ئېلىۋاتقاندا كىشىلەر بىلەن گەپلەشسىمۇ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن رەۋىشتە تاھارەت ئالغان بولسا، تاھارىتى دۇرۇستۇر.
يەنى ئۇ ئېغىزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالسا، يۈزىنى يۇسا، قوللىرىنى جەينەكلىرىگىچە يۇسا، بېشىغا ۋە قۇلاقلىرىغا مەسىھ قىلسا، ئاندىن پۇتىنى ئوشۇقىغىچە يۇسا، ئۇنىڭ تاھارىتى دۇرۇستۇر. بۇ جەرياندا گەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەھۋال شۇنداق.
رىياسەتچى: اللَّه سىلىنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي.
