ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | نامازغا قاتناشقان جامائەت قانچە كۆپ بولسا، ناماز ئوقۇغۇچىلار ئېرىشىدىغان ساۋابمۇ شۇنچە كۆپ بولامدۇ؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 38194 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: جامائەتنىڭ سانى كۆپ بولغان مەسجىدتە ئوقۇلغان تەراۋىھ نامىزىنىڭ ساۋابى شۇنىڭدىن ئازراق جامائەت بىلەن ئوقۇلغان تەراۋىھ نامىزىنىڭكىدىن كۆپ بولامدۇ؟ كۆپ جامائەت بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنىڭ پايدىلىرى قايسىلار؟

جاۋاب:

شۇنداق، مەيلى (تەراۋىھ نامىزىغا ئوخشاش، جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا بولىدىغان) نەپلە نامازلاردا ياكى پەرز نامازلاردا بولسۇن، ناماز ئوقۇغان جامائەتنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، ساۋابمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئۇبەي ئىبنى كەئىب رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهُ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:

«صَلاةُ الرَّجُلِ مَعَ الرَّجُلِ أَزْكَى مِنْ صَلاتِهِ وَحْدَهُ ، وَصَلاةُ الرَّجُلِ مَعَ الرَّجُلَيْنِ أَزْكَى مِنْ صَلاتِهِ مَعَ الرَّجُلِ ، وَمَا كَانُوا أَكْثَرَ فَهُوَ أَحَبُّ إِلَى اللَّهِ عَزَّ وَجَلَّ»

«كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن بىللە ئوقۇغان نامىزى ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر (يەنى ئەجىر – ساۋابى تېخىمۇ كاتتىدۇر). كىشىنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن بىللە ئوقۇغان نامىزى بىر ئادەم بىلەن بىللە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. (ناماز ئوقۇغان جامائەت) قانچە كۆپ بولسا، ئاللاھ عَزَّ وَجَلَّ گە شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ.» [ئىمام ئەبۇ داۋۇد «554) ۋە ئىمام نەسائىي (834) توپلىغان، شەيخ ئەلبانى «صحيح ابي داود»تا ھەسەن دەپ باھالىغان]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«ئەگەر بىر يەردە ئىككى مەسجىد بار بولسا، بىرىنىڭ جامائىتى يەنە بىرىنىڭكىدىن كۆپ بولسا، جامائىتى كۆپرەك بولغان مەسجىدكە بېرىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن بىللە ئوقۇغان نامىزى ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. كىشىنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن بىللە ئوقۇغان نامىزى بىر ئادەم بىلەن بىللە ئوقۇغان نامىزىدىن ئەۋزەلدۇر. (ناماز ئوقۇغان جامائەت) قانچە كۆپ بولسا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە گە شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ.» بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر. شۇڭا، ئەگەر بىر يەردە ئىككى مەسجىد بار بولۇپ، بىرىنىڭ جامائىتى يەنە بىرىنىڭكىدىن كۆپ بولسا، جامائىتى كۆپرەك بولغان مەسجىدتە ناماز ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.»

«شەرھۇل مۇمتى» (4-جىلد، 150-151-بەتلەر)