پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«اثْنَتَان في النَّاسِ هُمَا بِهِم كُفْرٌ: الطَّعْنُ فِي النَّسَبِ، وَالنِّيَاحَةُ عَلَى المَيِّتِ»
«كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئىككى ئىش باركى، كۇفۇردۇر (يەنى كۇفۇر ئەھلىنىڭ ئادەتلىرىدىندۇر): نەسەبكە تىل ئۇزىتىش ۋە مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاش.» [«ياخشىلار باغچىسى» 1578 – ھەدىس، ئىمام مۇسلىم توپلىغان]
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
ئىنسانلار ئارىسىدا ئىككى ئىش باركى، بۇلار كۇفۇرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى نەسەبكە تىل ئۇزىتىش. ئىككىنچىسى، مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاشتۇر. ھەدىستىكى «النِّيَاحَةُ» دېگەن سۆز مەيلى ئەرلەرنىڭ، ياكى ئاياللارنىڭ بولسۇن، مېيتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلىشىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇ ئىشنى ئاياللار (ئەرلەرگە قارىغاندا) كۆپرەك قىلىدۇ. بۇ (يەنى مېيتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاش) ھارامدۇر. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كۈنىمىزدە بەزى ئىنسانلارنىڭ قىلغىنىدەك، مېيتنىڭ ئارقىسىدىن يىغلىغانلارغىمۇ، شۇلارغا قۇلاق سالغانلارغىمۇ لەنەت قىلغان.
بۈگۈن بەزى ئىنسانلار قىلىۋاتقان مۇنۇ ئىشمۇ شۇ چەكلىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ: بۇلار مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە يىغىلىدۇ، ئۇلارغا تاماق كەلتۈرۈلىدۇ ياكى ئۆزلىرى تاماق ئېتىپ مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە توپلىنىدۇ. بۇ ھارامدۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مېيتنىڭ ئارقىسىدىن يىغلىغانلارغىمۇ، شۇلارغا قۇلاق سالغانلارغىمۇ لەنەت قىلغان. دەرۋەقە، جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز مېيتنىڭ ئۆيىگە توپلىنىشنى ۋە تاماق ھازىرلىنىشىنى مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاش قاتارىدا سانايتتۇق.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى ماجە (1601) توپلىغان] جەرىر مەشھۇر ۋە كاتتا ساھابىدۇر. ساھابە بۇ ئىشنى (يەنى مېيتنىڭ ئۆيىگە توپلىنىشنى) مېيتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاش قاتارىدا سانىغان. شۇ ۋەجىدىن مېيتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم بولغان ھامان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تەزىيەگە كەلگۈچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىشى چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ چىركىن بىدئەتتۇر. ساھابىلەر بۇنداق ئىشنى قىلمايتتى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاللاھنىڭ قازا – قەدەرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان قازا – قەدەرگە رازى بولۇشى، تەسلىمىيەت كۆرسىتىشى ۋە ئىشىكىنى (تەزىيەگە كەلگۈچىلەرگە ئېچىۋەتمەستىن) تاقىشى كېرەك. تەزىيە بىلدۈرمەكچى بولغانلار مېيتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بازاردا، مەسجىدتە كۆرەلەيدۇ. ئەرلەر ئۈچۈن ئەھۋال شۇنداق. ئاياللارغا كەلسەك، تەزىيەگە كېلىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆيدە توپلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىشىك ئېچىشنىڭ ئەسلىدىنلا ھاجىتى يوق. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مېيتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاشنى كۇفۇر ئەھلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن ھېسابلىغان.
ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن. چۈنكى، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: {ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ} [ئەنئام سۈرىسى 116 – ئايەت]. بۇ خۇسۇستا نەزەرگە ئېلىنىدىغان ئۆلچەم كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئادەتلىرى ئەمەس. ھەقىقىي ئۆلچەم ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتى، شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ يولىدۇر. ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا تەزىيەگە كەلگەنلەرگە ئىشىك ئاچىدىغانلار يوق ئىدى ھەمدە ئۇلار مېيتنىڭ ئائىلىسىدە تاماق يېيىش ئۈچۈنمۇ توپلانمىغانىدى. ئەكسىچە ئۇلار بۇنى «النِّيَاحَةُ»(مېيتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاش) قاتارىدا سانايتتى ۋە بۇ ئىشتىن قاتتىق يىراق تۇراتتى. چۈنكى، «النِّيَاحَةُ» (مېيتنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن سېلىپ يىغلاش) ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك كۇفۇرنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، كاپىرلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭدىن سىرت، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مېيتنىڭ ئارقىسىدىن يىغلىغانلارغىمۇ، شۇلارغا قۇلاق سالغانلارغىمۇ لەنەت قىلغان.
مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 1579 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن ئېلىندى.
