ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 95 – ھەدىسنىڭ شەرھىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەر بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەللەردۇر. يەنى ئاللاھ نەپلە ئەمەللەردىن بەكرەك پەرز ئەمەللەردىن سۆيۈنىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ بەش ۋاخ پەرز نامازنى تەھەججۇد نامىزى ۋە قالغان ئەمەللەردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. رامىزان روزىسىنى دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى ۋە شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن تۇتۇلىدىغان روزا قاتارلىقلاردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. خۇلاسە، ئاللاھ پۈتۈن پەرز ئەمەللەرنى نەپلە ئەمەللەردىن بەك ياخشى كۆرىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئاللاھنىڭ پەرز ئەمەللەرنى ئىنتايىن مۇھىم بىلگەنلىكى ۋە بەندىلىرىگە ئۇنى پەرز قىلغانلىقىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئەمەللەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاللاھ بۇلارنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بەندىلىرىگە پەرز قىلغان. نەپلە ئەمەللەردە بولسا، ئىنسان تاللاش ئىختىيارلىقىغا ئىگە. خالىسا ئۇنى ئادا قىلىپ كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، خالىسا قىلمايدۇ. ئەمما، پەرز ئەمەللەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ بەك سۆيۈملۈك ۋە مۇھىمدۇر.
شۇنىسى ئاجايىپكى، شەيتان ئىنسانلارنى نەپلە ئەمەللەرگە ئالاھىدە جىددىي مۇئامىلە قىلغۇزىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ نەپلە ئەمەللەرنى ناھايىتى گۈزەل رەۋىشتە ئادا قىلغانلىقىنى كۆرىسىز. مەسىلەن، تەھەججۇد نامىزىنى خۇشۇ ئىلكىدە، پەقەت مىدىرلىماي ۋە ئوي – خىياللىرى چېچىلماي ئادا قىلىدۇ؛ پەرز ئەمەللەرگە كەلگەندە داۋاملىق مىدىرلايدۇ، ۋەسۋەسىلىرى كۆپ بولىدۇ، ئوي – خىيالى ئاللىقاياقلارغا كېتىدۇ. بۇ شەيتاننىڭ ئالدىشىدۇر. نەپلە ئەمەللەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىۋاتقان بولسىڭىز، (شۇنى بىلىڭكى) پەرز ئەمەللەر ئۇنداق قىلىشىڭىزغا تېخىمۇ لايىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نەپلە ئەمەللەردىن تېخىمۇ سۆيۈملۈكتۇر.
