ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | دۇئا توغرىسىدا مۇھىم چۈشەنچە

ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رحمه الله نىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «ياخشىلار باغچىسى» 796- ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دېگەن:

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بەندىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلغۇچىنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كىشى ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ھەرگىز بىكار بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ ۋەجىدىن، سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزمۇ ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. دۇئا شۇ زامان ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، دۇئا ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن، (دۇئا قىلغانلىقىڭىز سەۋەبلىك) ساۋابقا ئېرىشىسىز. ساۋابلار ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىكتۇر.

ئەگەر دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان سەۋەبلەر بولمىسا، شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەئالا يا تىلىگەن نەرسىڭىزنى بېرىدۇ ۋە سىز ئۇنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرىسىز؛ ياكى شۇ دۇئانىڭ باراۋىرىدە بېشىڭىزغا كېلىدىغان تېخىمۇ چوڭ بىر زىياننى سىزدىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ؛ ياكى قىلغان دۇئانى ئۆز دەرگاھىدا سىز ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ. ئاللاھقا يۈزلىنىپ (ئىخلاس بىلەن) قىلىنغان ھېچبىر دۇئا بىكارغا كەتمەيدۇ.

شۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭكى، دۇئانىڭ تېز قوبۇل بولۇشىغا ئالدىراپ، «دۇئا قىلدىم، قىلدىم، ئەمما ئىجابەت قىلىنمىدى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماڭ. چۈنكى، شەيتان ئىنساننىڭ قەلبىگە ۋەسۋەسە قىلىپ «ئاللاھقا شۇنداق كۆپ دۇئا قىلدىڭ، ئەمما دۇئالىرىڭنىڭ ھېچبىرى قوبۇل بولمىدى» دەيدۇ ۋە ئاللاھ ساقلىسۇنكى، شۇ ئارقىلىق بەندىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزدۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈش چوڭ گۇناھلاردىندۇر.

دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى قانچىلىك كېچىكسە كېچىكسۇن، ھەرگىز ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزمەڭ. نېمىنىڭ ۋە قايسى ئەھۋالنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سىز بىلمەيسىز (ئاللاھ بىلىدۇ)، ئاللاھ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىش ئۈچۈن سىزنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. دەرۋەقە ئاللاھ تەئالا {ماڭا دۇئا قىلىڭلار، (دۇئايىڭلارنى) ئىجابەت قىلىمەن} دېگەن [سۈرە مۇئمىن 60 – ئايەت].

دۇئادا بوشىشىپ قالماڭ ۋە دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى كۈتكەندە سەبىرسىزلىك قىلماڭ. (دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى) ساقلاڭ ۋە ئاللاھقا داۋاملىق دۇئا قىلىڭ.

بەلكى ئاللاھ تەئالا سىزنى «تېخىمۇ كۆپ دۇئا قىلسۇن ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساۋابقا ئېرىشسۇن؛ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نە قەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا نە قەدەر موھتاج ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى بىلسۇن» دەپ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىشنى كېچىكتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ خەيىرلىك  ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمەڭ. سەبىرسىزلىكتىن ساقلىنىڭ ۋە دۇئادا بوشىشىپ قالماڭ. ھەقىقەتەن، ئاللاھ تەئالا دۇئادا بوشاشمايدىغان، كۆپ دۇئا قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. (ئاللاھ تەئالانىڭ بۇنداق بەندىلەرنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەب شۇكى) ئىنسان (دۇئا ئارقىلىق) باشقا بىرىگە ئەمەس، پۈتۈن ئىشلارنىڭ تىزگىنى قولىدا بولغان، جىمى كائىناتنىڭ ساھىبى ئاللاھقا يالۋۇرماقتىدۇر.

مەيلى نامىزىڭىزدا، ياكى يالغۇز قالغىنىڭىزدا بولسۇن، ھەر دائىم ئاللاھقا دۇئا قىلىڭ. ناماز ئەسناسىدىمۇ خالىغان دۇئالارنى قىلىشتىن توختاپ قالماڭ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ «سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» دېگەن [سەھىھۇل مۇسلىم 479- ھەدىس]. يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ تەشەھھۇدنى ئۆگەتكەندىن كېيىن «ئارقىدىن (يەنى تەشەھھۇدنىڭ ئاخىرىدا، سالامدىن ئىلگىرى) خالىغان دۇئانى قىلسۇن» دېگەن [سەھىھۇل بۇخارى 835- ھەدىس]. ئىنساننىڭ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھى يوقتۇر. شۇڭلاشقا، ئىنسان چوڭ – كىچىك ھەممە دەردىنى ئاللاھقا تۆكۈشى كېرەك. ھەتتا كىشى ئەڭ كىچىكتەك كۆرۈلىدىغان ئاياغ شوينىسىمۇ ئاللاھتىن سورىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ بىر نەرسە سوراش ئىبادەتتۇر، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئىلتىجا قىلىشتۇر، ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتۇر ۋە باغلىنىشتۇر. شۇڭا، قەلبىڭىز دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرسۇن، دۇئانى كۆپ قىلىڭ. دۇئانىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئىبادەت ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق. شۇڭا كۆپلەپ دۇئا قىلايلى.