ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە نى زىكىر قىلىش قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، سىقىلغان دىللارنى راھەتلىتىدۇ ۋە مۇشەققەتنى يەڭگىللىتىدۇ. ئاللاھ زىكىر قىلىنغاندا ئاسانلاشمايدىغان مۈشكۈلات، يەڭگىللىمەيدىغان مۇشەققەت، كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغان ئېغىرچىلىق ۋە قايغۇ يوقتۇر. شۇڭا، ئاللاھ تەئالانى زىكىر قىلىش ئېغىرچىلىقنىڭ يەڭگىللىشى، قىيىنچىلىقنىڭ ئاسانلىشىشى ۋە غەم – قايغۇنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر .
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ «زىكىر ۋە زىكىرنىڭ پەزىلەتلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
