تىلغا ئىگە بولماسلىقنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتى

ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«بەندە قىيامەت كۈنى تاغدەك ياخشىلىقلار بىلەن كېلىدۇ. ئاندىن تىلىنىڭ ئۇنى ئاشۇ ياخشىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ.»

مەنبە: «يېتەرلىك جاۋاب: دەرتلەر دەۋاسى» 375 – بەت

«الداء والدواء = الجواب الكافي – ط دار المعرفة»:
«وَإِنَّ الْعَبْدَ لَيَأْتِي يَوْمَ الْقِيَامَةِ بِحَسَنَاتٍ أَمْثَالِ الْجِبَالِ، فَيَجِدُ لِسَانَهُ قَدْ ‌هَدَمَهَا ‌عَلَيْهِ ‌كُلَّهَا»

ئىمام ئەبۇ خاتىم ئىبنى ھىببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئاقىللار چوقۇم سۆزلەشكە مەجبۇر بولمىغۇچە سۈكۈت قىلىشى كېرەك. چۈنكى، سۆزلەپ پۇشايمانغا قالغانلار شۇنچە كۆپ، ئەمما سۈكۈت قىلىپ پۇشايمانغا قالغانلار تولىمۇ ئازدۇر! ئەڭ ئۇزۇن پېشكەللىككە ۋە ئەڭ ئېغىر بالاغا مۇپتىلا بولىدىغانلار قويۇۋېتىلگەن تىل ۋە پەردىلەنگەن قەلب بىلەن سىنالغانلاردۇر.»
مەنبە:«روضة العقلاء ونزهة الفضلاء» (ص43)
«الواجب على العاقل أن يلزم الصمت إلى أن يلزمه التكلم فما أكثر من ندم إذا نطق وأقل من يندم إذا سكت وأطول الناس شقاء وأعظمهم بلاء من ابتلى بلسان مطلق وفؤاء مطبق»