ئەگەر بىز ھەقىقىي مۇئمىن – مۇسۇلمان بولساق، ئاللاھ تەئالانىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ياخشى سۆز قىلىش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى كۆرسەتمىلىرىگە زىنھار سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك:
******
بۇ ھەقتە، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَقُل لِّعِبَادِى يَقُولُوا۟ ٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُۚ إِنَّ ٱلشَّيْطَٰنَ يَنزَغُ بَيْنَهُمْۚ إِنَّ ٱلشَّيْطَٰنَ كَانَ لِلْإِنسَٰنِ عَدُوًّا مُّبِينًا}
«بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار (ئۆزئارا سۆھبەت – پاراڭلىرىدا، بىر – بىرىگە) ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، چۈنكى (ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا) شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» [ئىسرا سۈرىسى 53 – ئايەت]
*******
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ فَلْيَقُلْ خَيْرًا أَوْ لِيَصْمُتْ»
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، يا ياخشى سۆز قىلسۇن، يا سۈكۈت قىلسۇن» [سەھىھۇل بۇخارى 6475 – ھەدىس]
بۇ ھەقتىكى ئەمەلىيىتىمىزنى يۇقىرىقى ئايەت – ھەدىسكە ئاساسەن باھالاپ باقايلى.
