سوئال: دىننى مەسخىرە قىلىشتىن خالىي ھالدا چاقچاق قىلىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟ ئۇ لەغۋى (بىھۇدە) گەپ قاتارىدا ھېسابلىنامدۇ؟ بىزگە نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا، الله سىلىگە ئەجىر ئاتا قىلغاي!
جاۋاب: مەزمۇنى راست بولغان، شۇنداقلا بەك كۆپ قىلىنمىغان تەقدىردە، يۇمۇرلۇق گەپ قىلىشقا ياكى چاقچاق قىلىشقا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇ چاقچاق قىلاتتى، ئەمما (چاقچاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق) سۆزلىرىگە زىنھار يالغان ئارىلاشتۇرمايتتى.
لېكىن، يالغان ئارىلاشتۇرۇپ چاقچاق قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «وَيْلٌ لِلَّذِي يُحَدِّثُ فَيَكْذِبُ لِيُضْحِكَ بِهِ الْقَوْمَ وَيْلٌ لَهُ وَيْلٌ لَهُ» «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي» دېگەن [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد، ئىمام تىرمىزى ۋە ئىمام نەسائى ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان].
ياردەم الله تىندۇر.
ئەللامە شەيخ بىن باز رحمه الله نىڭ پەتىۋالار توپلىمى 6 – جىلىد 391 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 26 – توم 52 – بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:
سوئال: مەسىلەن، ئەگەر بىز چاقچاق قىلىپ يالغان سۆزلىسەك، بۇنداق قىلىش ھاراممۇ، ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، بۇنداق قىلىش ھارام. ئەمەلىيەتتە چاقچاق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق قىلىش گۇناھى كەبىردۇر.
تەۋپىق ئاللاھتىن. ئاللاھنىڭ رەھمەت – سالاملىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي!
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
رەئىس: ئابدۇلئەزىز بىن بىز
ئورۇنباسار رەئىس: ئابدۇرازاق ئەفىفىي
ئەزا ئالىملار: ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنق غۇدەييان.
ئىمام ئىبنى مۇفلىھ «شەرىئەت ئەدەبلىرى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:
«لِكُلِّ شَيْءٍ بَدْءٌ وَبَدْءُ الْعَدَاوَةِ الْمُزَاحُ»
«ھەر نەرسىنىڭ باشلىنىشى باردۇر، ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى چاقچاقتۇر.»
مەنبە: «الآداب الشرعية والمنح المرعية» (2/ 223)
