سوئال: ئى ئۇستاز! دىنىغا چىڭ يېپىشقان، ئەمما ئۆزىنى ساقال چۈشۈرۈش، نامازنى تەرك ئېتىش ۋە ئاشكارا گۇناھلارنى قىلىشقا زورلايدىغان كۇفرىي دۆلەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمان قانداق قىلىشى كېرەك؟ (مۇشۇ خىل ئەھۋالدا) ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە مال – دۇنياسىنى تەرك ئېتىشى ھىجرەت ھېسابلىنامدۇ؟
جاۋاب: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى ئاللاھ ھارام قىلغان، نامازنى تەرك ئېتىش، ساقالنى كېسىش قاتارلىق ئىشلارغا، ياكى زىنا – ھاراقكەشلىكتەك پاسكىنا قىلىقلارغا ئۈندەيدىغان ياكى شۇنداق قىلىشقا زورلايدىغان جايلاردا ياشاشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. بۇنداق كىشىنىڭ شۇ دىيارنى تەرك ئېتىپ، ھىجرەت قىلىشى پەرزدۇر. چۈنكى، ئۇ ناچار دىيار بولۇپ، كىشىنىڭ بۇنداق جايدا ياشىشى قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنىمىغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم بۇنداق جايدىن ھىجرەت قىلىشى پەرزدۇر. چۈنكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش (ئاتا – ئانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشنىڭ) ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاتا – ئانىغا پەقەت ياخشى ئىشلاردىلا ئىتائەت قىلىنىدۇ.بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«إِنَّمَا الطَّاعَةُ فِي الْمَعْرُوفِ»
«ئىتائەت پەقەت ياخشىلىقتىلا بولىدۇ» [مۇسنەد ئەھمەد 623 – ھەدىس، سەھىھ]
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يەنە مۇنداق دېگەن:
«لَا طَاعَةَ لِمَخْلُوقٍ فِي مَعْصِيَةِ الْخَالِقِ»
«خالىققا (يەنى ئاللاھقا) ئىتائەتسىزلىك قىلىش بەدىلىگە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق»
[سەھىھۇلجامى 7520 – ھەدىس، سەھىھ]
كىشىنىڭ ئۆز دىنىنى ئاشكارا ئىزھار قىلىپ (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ساقال، ھىجاب قاتارلىق، پەرز بولغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئادا قىلىش ۋە تەرغىب قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلامدىن باشقا بارچە تۈزۈلمە ۋە سىستېمىنىڭ باتىللىقىنى ئاشكارا تەنقىدلەپ) ياشىيالمىغان ياكى ئۇنى گۇناھقا مەجبۇرلايدىغان يۇرتتىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشى پەرزدۇر.
مەنبە: ئىمام بىن باز رَحِمَهُ اللَّه نىڭ «پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى» 8 – توم 278 – بەت.
