سوئال: ھىندىستاندا كالا بوغۇزلىساق تاياق يېيىشىمىز، بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىشىمىز ياكى ئۆلتۈرۈلۈشىمىز مۇمكىن بولغان ئەھۋالدا، بۇ يەردە كالا بوغۇزلىساق بولامدۇ؟
«سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى»نىڭ پەتىۋالار توپلىمى 1- يۈرۈش 22 – توپلام 385~386-بەتلەردىكى 16403 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب: ئەگەر بۇ دۆلەتتە كالا بوغۇزلاش ياكى كالا گۆشى سېتىش مۇسۇلمانلارنى خەتەرگە ۋە ئېغىر جازاغا ئۇچرىتىدىغان بولسا، ئۇنداقتا زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتتە كالا بوغۇزلاش ياكى كالا گۆشى سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: {وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ} «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار» دېگەن [سۈرە بەقەرە 195 – ئايەت].
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر، ئاللاھنىڭ رەھمەت – سالاملىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي!
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
رەئىس: شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
مۇئاۋىن رەئىس: شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي
ئەزا: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان
ئەزا: شەيخ سالىھ فەۋزان
ئەزا: ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
ئەزا: شەيخ بەكرى ئەبۇ زەيد.
پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:
السؤال الثالث من الفتوى رقم (16403)
س 3: هل يجوز لنا ذبح البقر في الهند إذا كنا نتعرض للضرب والقتل والنهب إذا ذبحنا البقر؟
ج 3: إذا كان ذبح البقر أو بيع لحمها في بلدكم يعرض المسلم للخطر والعقوبة الشديدة فإنه لا يجوز ذبحها ولا بيع لحمها في هذه الحالة تفاديا للضرر؛ لقوله تعالى: {وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ} [سورة البقرة الآية 195]
وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.
اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء
عضو … عضو … عضو … عضو … نائب الرئيس … الرئيس
بكر أبو زيد … عبد العزيز آل الشيخ … صالح الفوزان … عبد الله بن غديان … عبد الرزاق عفيفي … عبد العزيز بن عبد الله بن باز
