سوئال: بىر نەرسىلەرنى سول قولدا ئېلىشنىڭ ۋە بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنداق قىلىش ھاراممۇ ياكى مەكرۇھمۇ؟
«سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى»نىڭ 20961 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب: بىر نەرسىلەرنى سول قولدا ئېلىشنىڭ ۋە بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېنىقتۇر. چۈنكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«لِيَأْكُلْ أَحَدُكُمْ بِيَمِينِهِ وَلْيَشْرَبْ، وَلْيُعْطِ بِيَمِينِهِ وَلْيَأْخُذْ بِيَمِينِهِ، فَإِنَّ الشَّيْطَانَ يَأْكُلُ بِشِمَالِهِ وَيَشْرَبُ بِشِمَالِهِ وَيُعْطِي بِشِمَالِهِ وَيَأْخُذُ بِشِمَالِهِ»
«سىلەردىن بىرىڭلار ئوڭ قولىدا يەپ – ئىچسۇن! (بىر نەرسىلەرنى) ئوڭ قولىدا بېرىپ، ئوڭ قولىدا ئالسۇن! چۈنكى، شەيتان سول قولىدا يەيدۇ، سول قولىدا ئىچىدۇ، سول قولى بىلەن بېرىدۇ ۋە سول قولى بىلەن ئالىدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (2/349) ۋە ئىمام ئىبنى ماجە (3266) رىۋايەت قىلغان بولۇپ، لەۋزى ئىمام ئىبنى ماجەنىڭدۇر.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر، ئاللاھنىڭ رەھمەت – سالاملىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي!
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
رەئىس: شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
ئەزا: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان
ئەزا: شەيخ سالىھ فەۋزان
ئەزا: شەيخ بەكرى ئەبۇ زەيد.
پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:
السؤال الثالث من الفتوى رقم (20961)
س 3: ما حكم الأخذ والإعطاء بالشمال، هل هو الحرمة أم الكراهة؟
ج 3: ثبت النهي عن الأخذ والإعطاء بالشمال، فعن أبي هريرة – رضي الله عنه – قال: قال النبي – صلى الله عليه وسلم -: «ليأكل أحدكم بيمينه وليشرب وليعط بيمينه وليأخذ بيمينه، فإن الشيطان يأكل بشماله ويشرب بشماله ويعطي بشماله ويأخذ بشماله» رواه أحمد وابن ماجه، واللفظ له.
وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.
اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء
عضو … عضو … عضو … الرئيس
بكر أبو زيد … صالح الفوزان … عبد الله بن غديان … عبد العزيز بن عبد الله بن باز
