ناماز ئوقۇغۇچى نامازدا ئۆرە تۇرغاندا، رۇكۇدا، سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتا قەيەرگە قارىشى كېرەك؟

«سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى»نىڭ «پەتىۋالار توپلىمى» 7 – جىلىد 23 – بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: ناماز ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرغاندا سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قارايدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ رۇكۇدا، سەجدىدە ۋە تەشەھھۇدتا قەيەرگە قارىشى كېرەك؟

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ناماز ئوقۇغۇچى رۇكۇدا تۇرغاندىمۇ سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قارىشى كېرەك.

تەشەھھۇدتا بولسا، ئىشارەت قىلىدىغان كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا قارىشى كېرەك.

سەجدە قىلغاندا بولسا ئىككى كۆزىنىڭ ئۇدۇلىغا قارىشى كېرەك.

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر، ئاللاھنىڭ رەھمەت – سالاملىرى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي!

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
رەئىس: شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز

مۇۋەققەت رەئىس: شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي

ئەزا: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان

ئەزا: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:

س: ينظر المصلي إلى مكان سجوده حال قيامه فإلى أين ينظر حال ركوعه وسجوده وتشهده؟
ج: ‌ينظر ‌المصلي ‌في ‌حال ‌ركوعه ‌إلى ‌مكان ‌سجوده ‌أيضا، أما في حال التشهد فينظر إلى محل الإشارة وأما في حال سجوده فينظر إلى مقابل عينيه من الأرض.
وبالله التوفيق وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم