نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغاندا، «بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ»نى ئوقۇشنى ئۇنۇتماڭ

«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەييارلىدى

{بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ} فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدۇر. شۇڭا، نامازدىكى ھەر رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغاندا {بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ}نى ئوقۇشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەمما، بامدات، شام، خۇپتەنگە ئوخشاش جەھرى (ئۈنلۈك) قىرائەت قىلىنىدىغان نامازلاردا {بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ} ئىچىدە ئوقۇلىدۇ، {الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ} دىن باشلاپ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:

«‌إِذَا ‌قَرَأتُمُ: (‌الْحَمْدُ ‌للهِ)، ‌فَاقْرَءُوا: (‌بِسْمِ ‌اللهِ ‌الرَّحْمَنِ ‌الرَّحِيمِ) ‌إنَّهَا ‌أُمُّ ‌الْقُرْآنِ، وَأُمُّ ‌الْكِتَابِ، ‌وَالسَّبْعُ ‌الْمَثَانِي ‌وَ (‌بِسْمِ ‌اللهِ ‌الرَّحْمَنِ ‌الرَّحِيمِ) ‌إحْدَى ‌آيَاتِهَا»

سىلەر «الْحَمْدُ ‌للهِ» (يەنى فاتىھە سۈرىسى)نى ئوقۇغاندا، «بِسْمِ ‌اللهِ ‌الرَّحْمَنِ ‌الرَّحِيمِ»نىمۇ ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن، ئۇ (يەنى فاتىھە سۈرىسى) ئۇممۇلقۇرئان (قۇرئاننىڭ ئاساسى)دۇر، ئۇممۇلكىتاب (كىتابنىڭ ئاساسى)تۇر ۋە تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەتتۇر. شۇنداقلا «بِسْمِ ‌اللهِ ‌الرَّحْمَنِ ‌الرَّحِيمِ» فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتىدۇر [سەھىھۇل جامى 729 – ھەدىس، سەھىھ]