ئېھرامدىكى كىشىنىڭ زىيانلىق ۋە ئەزىيەت يەتكۈزگۈچى ھايۋان ۋە ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى
«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: ئىئوردانىيەنىڭ ئاممان شەھىرىدىن بۇرادەر ئەھمەد شەرىف مۇھەممەد ئىسمايىل سورايدۇكى: ھاجىلارنىڭ چىۋىن، چۈمۈلە قاتارلىق ئەزىيەت يەتكۈزگۈچى ھاشاراتلارنى، شۇنداقلا غالجىر ئىت، يىلان قاتارلىق زىيانداش ھايۋانلارنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈشى دۇرۇسمۇ؟ بۇنداق قىلىش گۇناھمۇ؟
ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ جاۋابى: ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان چىۋىن، پاشا قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈشتە مەسىلە يوق. غالجىر ئىت، يىلان، چايان، چاشقان، قاغا قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈشمۇ شۇنداق. دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ عليه الصلاة والسلام نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان: «خمس من الدواب كلهن فواسق، يقتلن في الحل والحرم: الغراب والحدأة والعقرب والفأرة والكلب العقور». «بەش خىل جانلىق باركى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىيانداشتۇر. ئۇلار ھەرەمنىڭ سىرتىدىمۇ، ھەرەمدىمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. (ئۇلار) قاغا، سا، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىتتۇر.» يەنە بىر رىۋايەتتە: «يىلان» قوشۇپ تىلغا ئېلىنغان. بەزى ھەدىسلەردە «دالا بۆرىسى» تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشتە مەسىلە يوق.
پاشا، چىۋىنغا ئوخشاش زىيانداش ھاشاراتلار، شۇنداقلا يىلان، چايان، غالجىر ئىت، سا، قاغا، چاشقان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرەمنىڭ ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
مەنبە: ئىمام بىن بازنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى تۆۋەندىكى پەتىۋا:
https://binbaz.org.sa/fatwas/7246/%D8%AD%D9%83%D9%85-%D9%82%D8%AA%D9%84-%D8%A7%D9%84%D9%85%D8%AD%D8%B1%D9%85-%D9%84%D9%84%D8%AD%D9%8A%D9%88%D8%A7%D9%86%D8%A7%D8%AA-%D9%88%D8%A7%D9%84%D8%AD%D8%B4%D8%B1%D8%A7%D8%AA-%D8%A7%D9%84%D8%B6%D8%A7%D8%B1%D8%A9-%D9%88%D8%A7%D9%84%D9%85%D9%88%D8%B0%D9%8A%D8%A9
