پەتىۋالىرى 16 خىل تىلدا تارقىتىلىدىغان دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 349013 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
سوئال:
ھەمشىرىسىنىڭ پەرزەنتلىرى تار كىيىملەرنى كىيگەن بولسا، ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات تۇرۇپ تاغىسى ئۇلارنى ئەدەپلىسە توغرا بولامدۇ؟ ئۇلار تار كىيىم كىيگەنلىك بىلەن خاتالاشقان بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات تۇرۇقلۇق، ھەمشىرىسىنىڭ قىز – ئوغۇللىرىغا تاغىسىنىڭ ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولامدۇ؟ تاغىسى ھەمشىرىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەدەپلىسە (يەنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە تەنبىھ بەرسە) توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن.
جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ رەببى الله قا خاستۇر، رەسۇلۇللاھ ﷺ گە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە الله نىڭ رەھمەت – سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات بولسا، ھەمشىرىسىنىڭ قىز – ئوغۇللىرىغا تاغىسىنىڭ ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. تاغىسىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ دادىسى ھايات، ئەقلى – ھوشى جايىدا ۋە شۇ يۇرتتا ھازىر بولسا، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاتىلار ھايات بولىدىكەن ئەۋلادلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيتىدۇر، قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا تەربىيە قىلىش، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىش ئىشلىرىدىن الله نىڭ ھۇزۇرىدا ئاتا – ئانا ھېساب بېرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رضي الله عنهما دىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى (يەنى مەسئۇلىيەت ئىگىسى)، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن سورىلىدۇ، كىشىلەرنى يېتەكلەيدىغان رەھبەر ئۇلارغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇلار توغرىسىدا سورىلىدۇ، ئائىلە باشلىقى ئەر ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇلار توغرىسىدا سورىلىدۇ، ئايال ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن سورىلىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنى ئادا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ۋە بۇنىڭدىن سورىلىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى (مەسئۇلىيەت ئىگىسى)سىلەر، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سورىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 2554 – ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829 – ھەدىس].
لېكىن تاغا جىيەنلىرىنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن چەكلەش تەرەپتىن مەسئۇليەت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ، جىيەنلىرىدىن خاتا ئىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى كۆرسە، ئۇلارنى بۇنىڭدىن چەكلىشى زۆرۈر بولىدۇ.
ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدەرىي رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى چەكلەنگەن بىر ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، دىلى بىلەن ئىنكار قىلسۇن، ئەنە شۇ ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ دەرىجىسىدۇر» [مۇسلىم رىۋايىتى49 – ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋى رحمه الله بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ <ئۇنى ئۆزگەرتسۇن> دېگەن سۆزىنىڭ (ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدىغان) بۇيرۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۈممەت ئىجماغا كەلگەن. شۇنداقلا، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قۇرئان – سۈننەتكە ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجماسىغا ئاساسەن ۋاجىبتۇر». [«سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى» 2 – توم 22 – بەت].
ئىككىنجى: تاغا ھەمشىرىسىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەدەپلىسە بولامدۇ؟
مۇشۇنداق ھالەتلەردە تاغىنىڭ جىيەنلىرىنى ئۇرۇپ ئەدەپلەش ھەققى بولمايدۇ، ئۇرۇپ ئەدەپلەش دېگەن دادىنىڭ ياكى دادىسى تەرەپتىن، ۋە مەھكىمە تەرەپتىن قازى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ھەققىدۇر.
«كۇۋەيت فىقھى توپلاملىرى» 10 – توم 25 – بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاتا – ئانىنىڭ ياكى ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ ۋە ۋەلىسى تەرىپىدىن ئەدەپلەشكە ئىزنى ئالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ (ناماز ئوقۇماسلىق دېگەندەك، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە زىت ئىش قىلغان ۋە چىرايلىقچە قىلىنغان نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان) بالىلارنى يەڭگىل ئۇرۇپ ئەدەپلىشى توغرا بولىدۇ».
لېكىن ئاتا بۇ تاغىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىپ گەپ قىلمىسا، بۇ ئاتىنىڭ تاغىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بولىدۇ، بۇ خۇددى تاغىسىنى بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلارنى مۇناسىپ ھالەتتە ئەدەپلەش ۋە تەربىيلەشكە ۋەكىل قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.
بەزى ۋاقىتلاردا تاغىنىڭ جىيەنلىرىنى رۇخسەت قىلىنغان دائىرىدە ئەدەپلەپ قويۇش يوللۇق بولىدۇ، كىشىلەر بۇنى بىلىدۇ ۋە ھېچكىم بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ.
ئەمما ئاتا تاغىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نارازى بولسا، تاغا جىيەنلىرىگە نەسىھەت قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغىمۇ قىزلىرىغا ياخشى قاراش توغىرسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاتا – ئانا قىزلىرىنى چەكلەنگەن كىيىملەرنى كىيىشتىن قولى بىلەن توسالايدۇ.
الله تائالا ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
