ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە: بىدئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

يالغانچىلىقنى ۋە بىدئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلار چوقۇم ۋەيران قىلىپ يوقىتىلىشى كېرەك. بۇنداق كىتابلار ساز-چالغۇ ۋە ھاراق قاچىلانغان شېشىلەردىنمۇ بەكرەك يوقىتىلىشقا لايىقتۇر. چۈنكى، بۇنداق كىتابلارنىڭ زىيىنى ساز-چالغۇ ۋە ھاراقنىڭكىدىن ئېغىردۇر. شۇنداقلا، بۇنداق كىتابلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىك سەۋەبلىك تۆلەم تۆلەنمەيدۇ، خۇددى ھاراق شېشىلىرىنى چېقىۋەتكەنگە ۋە ھاراق تۇلۇملىرىنى كېسىۋەتكەنگە تۆلەم كەلمىگەنگە ئوخشاش.

مەنبە: «الطرق الحكمية في السياسة الشرعية – ط البيان» (ص235)

أَنَّ هَذِهِ الْكُتُبَ الْمُشْتَمِلَةَ عَلَى الْكَذِبِ وَالْبِدْعَةِ يَجِبُ إتْلَافُهَا وَإِعْدَامُهَا، وَهِيَ أَوْلَى بِذَلِكَ مِنْ إتْلَافِ آلَاتِ اللَّهْوِ وَالْمَعَازِفِ، وَإِتْلَافِ آنِيَةِ الْخَمْرِ، فَإِنَّ ضَرَرَهَا أَعْظَمُ مِنْ ضَرَرِ هَذِهِ، وَلَا ضَمَانَ فِيهَا، كَمَا لَا ضَمَانَ فِي كَسْرِ أَوَانِي الْخَمْرِ وَشَقِّ زِقَاقِهَا