جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى تىڭشىغان كىشىگە ئۇنى ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىر بولامدۇ؟

مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تورى (ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى)دىكى 197900 – نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى تىڭشاشنىڭ ساۋابى ئۇنىڭ ئوقۇشنىڭكى بىلەن ئوخشاشمۇ؟

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ھەدىستە جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى ئوقۇغان كىشىگىلا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:

«مَنْ قَرَأَ سُورَةَ الْكَهْفِ فِي يَوْمِ الْجُمُعَةِ أَضَاءَ لَهُ مِنَ النُّورِ مَا بَيْنَ الْجُمُعَتَيْنِ»

«كىم جۈمە كۈنى كەھف سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئاللاھ ئىككى جۈمە ئارىسىدا ئۇنىڭغا نۇر ئاتا قىلىدۇ» [ئىمام بەيھەقى توپلىغان، ئىمام ئەلبانى «سەھىھۇل جامى»دا سەھىھ دەپ باھالىغان].

شۇنىسى مەلۇمكى، بىر سۈرىنى تىڭشىغان كىشى ئۇنى ئوقۇغان ھېسابلانمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، كىشى يۇقىرىقى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ساۋابقا ئېرىشمەكچى بولسا، كەھف سۈرىسىنى ئوقۇشى كېرەك، (بۇ ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن) سۈرىنى تىڭشاش كۇپايە قىلمايدۇ.

لېكىن، بىر كىشى قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيالمىغانلىقتىن باشقىلارنىڭ قىرائىتىنى تىڭشىسا ۋە بۇ ئارقىلىق شۇ سۈرىنى ئوقۇشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلسا، ئۆزىنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە چامىسى يەتكەن ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ سۈرىنى ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىشى ئۈمىدلىكتۇر.

بىز 10700 – نومۇرلۇق  جاۋابتا، كەھف سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغانىدۇق، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇ جاۋابقا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.