ئەللامە سۇلەيمان رۇھەيلى | غەيبىي ئالەمنى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تەسۋىرلەش ھارام

ئەللامە شەيخ سۇلايمان رۇھەيلى مۇنداق دېگەن:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن: «الله تَعَالَى ئېيتىدۇ: <مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن (جەننەتتە) كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كۆڭۈلدىن كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: {ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن الله نىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ} [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان]

ئاللاھ تەئالا جەننەت نېمەتلىرىنى ھەتتا «كۆڭۈلدىن كېچىپ باقمىغان» دەپ سۈپەتلىگەن، شۇڭا بۇ نېمەتلەرنى بۇ دۇنيا ھاياتىدا لايىقىدا تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدەك، قىيامەتنىڭ ۋە دوزاخنىڭ دەھشىتىمۇ ھەرقانداق دۇنيا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سۈپەتلىگىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس. بۇلارنى مەۋجۇت ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سۈپەتلەشكە ئۇرۇنۇش پەقەت ۋە پەقەت بۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خۇنۈكلىشىشىگە ۋە سەل قارىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، ئىلىمدىن لايىقىدا نېسىۋە ئالالمىغان بەزى قاناللار قىيامەت، جەننەت، دوزاخ توغرىسىدا، سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىغا ۋىدىيولارنى ئىشلەتكۈزۈپ تارقاتماقتا، يەنە بەزى قاناللار باشقا تىللاردىكى بۇ خىل ۋىدىيولارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلماقتا.

بىز مۇسۇلمانلار بىرەر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ ئىشنىڭ دىندىكى ھۆكمىنى بىلىشكە بۇيرۇلغانمىز، شۇڭا بۇ مەسىلىدىمۇ ئاتالمىش «زامانىۋى» ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىۋەرمەي، ئىشنىڭ توغرىسىنى قىلىشقا تىرىشايلى.

بۈگۈن سۈنئىي ئەقىل قوراللىرى (بولۇپمۇ شۇلارنىڭ پۇللۇق نۇسخىسى) ئارقىلىق تۈرلۈك ۋىدىيولارنى ئىشلىتىش بىرەر تىلنى مۇكەممەل بىلگەن ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش. شۇڭا، بۇ يەردە قانداقتۇر بۇ ئىشنى قىلغانلارنى «كۆرەلمەسلىك» مەسىلىسى قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس.

خۇلاسە كالام، بۇ قوراللارنى قىيامەت، جەننەت، دوزاخ قاتارلىق غەيبىي ئالەمنى تەسۋىرلەشكە ئەمەس، مىللەتكە پايدىسى بار، دىنغا ئۇيغۇن ئىشلارغا ئىشلىتەيلى.