سوئال: فاتىھە سۈرىسى قاچان نازىل بولغان؟ الله تعالى ئىنسانلارغا نامازنى پەرز قىلغاندىن كېيىنمۇ ياكى بۇرۇنمۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتىدىكى 315345 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى اللهقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا رەھمەت – سالاملار بولغاي.
كۆپچىلىك ئالىملار فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭغا تۆۋەندىكى دەلىللەرنى كەلتۈرگەن:
1-بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار:
الله تعالى مۇنداق دەيدۇ: {وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ}
«نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق» [سۈرە ھىجىر 87-ئايەت].
بۇ ھىجىر سۈرىسىدىكى ئايەت بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.
پەيغەمبەر ﷺ نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى فاتىھە سۈرىسى دەپ چۈشەندۈرگەن، بۇنىڭدىن فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ.
2-ناماز مەككىدە پەرز قىلىنغان، فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلمىغان ناماز توغرا بولمايدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى كەسىير، ئىبنى ھەجەر، بەيزاۋىي، كەۋاشى ۋە باشقا ئالىملار فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ. [ئابدۇراززاق ھۈسەيننىڭ «مەككىي ۋە مەدىنىي» ناملىق ئەسىرى 1-توم 446-468-بەتكە قارالسۇن].
ئىككىنچى: قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ «الجامع لأحكام القرآن» ناملىق ئەسەر 1-توم 115-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «نامازنىڭ مەككىدە پەرز بولغانلىقى ھەققىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىسلامدا مۇسۇلمانلارنىڭ «الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعالَمِينَ» ئوقۇماستىن ناماز ئوقۇپ باققانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. تۆۋەندىكى ھەدىسنىڭ بۇنىڭ ئوچۇق دالالىتىدۇر: «لَا صَلَاةَ إِلَّا بِفَاتِحَةِ الْكِتَابِ» «كىتابنىڭ فاتىھەسى (يەنى فاتىھە سۈرىسى) ئوقۇلمغان ناماز ناماز ئەمەس».
الله ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
