رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، پەرز نامازدىن سىرت ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن مۇنداق دېسۇن:
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ العَظِيمِ؛ فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلَا أَقْدِرُ، وَتَعْلَمُ وَلَا أَعْلَمُ، وَأَنْتَ عَلَاّمُ الغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأمْرَ [ثم يسمِّيه بعينه] خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي – أَوْ قَالَ: عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ – فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي – أَوْ قَالَ: عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ – فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ، ثُمَّ أَرْضِنِي بِهِ»
«ئى الله! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ – قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى الله! مېنىڭ بۇ ئىشىم (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە (ئۇ دۇنيادىكى) ئاقىۋىتىم ئۈچۈن (ياكى «ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىم ئۈچۈن» دەيدۇ) ياخشى بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىشىم مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە (ئۇ دۇنيادىكى) ئاقىۋىتىم ئۈچۈن (ياكى «ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئىشلىرىم ئۈچۈن» دەيدۇ) زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نېسىپ قىلغىن، ئاندىن مېنى ئۇنىڭغا (يەنى سەن تەقدىر قىلغان ئاشۇ ياخشىلىققا) رازى قىلغىن».[1]
«إِذَا هَمَّ أَحَدُكُمْ بِالْأَمْرِ فَلْيَرْكَعْ رَكْعَتَيْنِ مِنْ غَيْرِ الْفَرِيضَةِ، ثُمَّ لْيَقُلْ: اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ العَظِيمِ؛ فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلَا أَقْدِرُ، وَتَعْلَمُ وَلَا أَعْلَمُ، وَأَنْتَ عَلَاّمُ الغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأمْرَ [ثم يسمِّيه بعينه] خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي – أَوْ قَالَ: عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ – فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي – أَوْ قَالَ: عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ – فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ، ثُمَّ أَرْضِنِي بِهِ»
[1] مۇختەسەر بۇخارى 579.
ئىستىخارە نامىزىنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ:
