ئىمام ئەھمەد، ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەردى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇردى. سالام قىلغان كىشى بېرىپ ئولتۇردى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئون ساۋاب» دېدى.
يەنە بىر كىشى كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى» دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇردى. سالام بەرگەن كىشى ئولتۇردى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يىگىرمە ساۋاب» دېدى.
يەنە بىر كىشى كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سالىمىنىمۇ ئەينەن قايتۇردى. ئاندىن ئۇ كىشى ئولتۇردى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئوتتۇز ساۋاب» دېدى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
