پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن تەرىپىدىن، ئەسىرىمىزنىڭ مۇھەددىسى، ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن، «بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «سەھىھ زىكىرلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
1. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ تاڭ ئاتقۇزغاندا شۇنداق دەيتتى:
«أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، لاَ إِلَهَ إلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، رَبِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا فِي هَذَا الْيَوْمِ وَخَيرَ مَا بَعْدَهُ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِي هَذَا الْيَوْمِ وَشَرِّ مَا بَعْدَهُ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكَسَلِ وَسُوءِ الْكِبَرِ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابٍ فِي النَّارِ وَعَذَابٍ فِي الْقَبْرِ»
«پادىشاھلىق ھەرۋاقىت الله قا مەنسۇپ بولغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزدۇق. بارلىق ھەمدۇ – سانا الله قا خاستۇر. الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. سەلتەنەت ۋە بارلىق مەدھىيە الله قا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى رەببىم سەندىن بۈگۈننىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن. ئى رەببىم ساڭا سېغىنىپ بۈگۈننىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى رەببىم! ساڭا سېغىنىپ ھورۇنلۇقتىن ۋە قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى رەببىم! ساڭا سېغىنىپ دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبرىدىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن» [مختصر صحيح مسلم 1894].
2. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ساھابىلىرىگە شۇنداق تەلىم بېرەتتى:
«تاڭ ئاتقۇزغاندا شۇنداق دەڭلار:
اللَّهمَّ بِكَ أَصْبَحْنَا، وَبِكَ أَمْسَيْنَا، وَبِكَ نَحْيَا، وَبِكَ نَمُوتُ، وَإِلَيْكَ النُّشُورُ
ئى الله! سېنىڭ رۇخسىتىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق، سېنىڭ رۇخسىتىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق. سېنىڭ رۇخسىتىڭ بىلەن تىرىلىمىز ۋە سېنىڭ رۇخسىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، ئاخىرى سېنىڭ دەرگاھىڭغا قايتىمىز» [سلسلة الأحاديث الصحيحة 262].
3. ئەنەس ئىبنى مالىك رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فاتىمە رضي الله عنها غا ئەتىگەن – كەچتە شۇنداق دېيىشنى تەۋسىيە قىلغان:
«يَا حَيُّ يَا قَيُّومُ بِرَحْمَتِكَ أَسْتَغيثُ أَصْلِحْ لِي شَأْنِيَ كُلَّهُ وَلاَ تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ»
«ئى مەڭگۈ ھايات، ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى الله، سېىڭ رەھمىتىڭ بىلەن ياردەم تىلەيمەن. مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ياخشىلاپ بەرگىن ۋە مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن»[صحيح الترغيب والترهيب، 661].
4. ئەبۇ بەكرى سىددىق رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا ۋە كەچ قىلغىنىڭدا شۇنداق دېگىن:
اللَّهمَّ عَالِمَ الغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ، فَاطِرَ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، رَبَّ كُلِّ شَيْءٍ وَمَلِيكَهُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ نَفْسِي، وَمِنْ شَرِّ الشَّيْطَانِ وَشِرْكِهِ، وَأَنْ أَقْتَرِفَ عَلَى نَفْسِي سُوءاً، أَوْ أَجُرَّهُ إِلَى مُسْلِمٍ
ئى غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى اللَّه ! سەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئى بارلىق شەيئىلەرنىڭ رەببى ھەم ئىگىسى! ساڭا سېغىنىپ، نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتاندىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشىمدىن ياكى بىرەر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىپ قويۇشىمدىن پاناھ تىلەيمەن» [تخريج الكلم الطيب 21].
5. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رضي الله عنهما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئەتىگەن – ئاخشامدا تۆۋەندىكى دۇئالارنى قىلىشنى تەرك ئەتمەيتتى:
«اللَّهمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافِيَةَ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ، اللَّهمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافِيَةَ فِي دِينِي وَدُنْيَايَ وَأَهْلِي وَمَالِي، اللَّهمَّ اسْتُرْ عَوْرَاتِي، وَآمِنْ رَوْعَاتِي، وَاحْفَظْنِي مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ، وَمِنْ خَلْفِي، وَعَنْ يَمِينِي، وَعَنْ شِمَالِي، وَمِنْ فَوْقِي، وَأَعُوذُ بِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِي»
«ئى الله! سېنىڭدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەغفىرەت ۋە ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمەن. ئى الله! سېنىڭدىن مەغفىرەت ۋە دىينىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل – مېلىمدا ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمەن. ئى الله! ئەۋرەتلىرىمنى يۆگىگىن، مېنى قورقۇنچلىرىمدىن ئەمىن قىلغىن. ئى الله! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن. ساڭا سېغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن (يەرگە) يۇتقۇزۇۋېتىلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن»[سنن ابن ماجه 3871].
6. ئەبۇ ئەيياش رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن: كىم ئەتىگەندە:
<لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ>
<الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر>
دېسە، ئۇ ئىسمائىل ئەۋلادىدىن بىر قۇلنى ئازاد قىلغاندەك ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئون يامان ئەمىلى ئۆچۈرۈلىدۇ، ماقامى ئون دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا كەچ كىرگۈچە شەيتاندىن قوغدىلىدۇ. كەچ كىرگەندە (ئەگەر بۇ زىكىرنى يەنە دېسە)، تاڭ ئاتقۇچە يەنە شۇنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىدۇ»[صحيح الترغيب والترهيب 656؛ سنن الترمذي 5077].
7. ئوسمان ئىبنى ئەففان رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن: «كىم ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىم
<بِسْمِ اللَّه الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلاَ فِي السّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ>
<ئىسمى (نى زىكىر قىلىش) بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان الله نىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن). ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر>
دېسە، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»[سنن الترمذي 3388؛ سنن أبي داود 5088].
8. ئەبۇ بەكرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئەتىگەن – كەچتە ئۈچ قېتىمدىن شۇنداق دەيتتى:
«اللَّهمَّ عَافِنِي فِي بَدَنِي، اللَّهمَّ عَافِنِي فِي سَمْعِي، اللَّهمَّ عَافِنِي فِي بَصَرِي، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ. اللَّهمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكُفْرِ، وَالفَقْرِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ»
«ئى الله! بەدىنىمنى ساق قىلغىن. ئى الله! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن. ئى الله! كۆزۈمنى ساق قىلغىن. سەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئى الله! كۇپۇرلىقتىن، پېقىرلىقتىن ساڭا سېغىنىمەن. ئى اللَّه ! ھەقىقەتەن قەبرە ئازابىدىن ساڭا سېغىنىمەن. سەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر»[سنن أبي داود 5090].
9. ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن: كىم ئەتىگەندە ئون قېتىم:
«لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»
«الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
دېسە، اللَّه ھەرقېتىمدا ئۇنىڭغا ئون ساۋاب يازىدۇ، ئۇنىڭ ئون گۇناھىنى ئۆچۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئون دەرىجە كۆتۈرىدۇ. بۇ دۇئالار ئۇنىڭ ئۈچۈن (ساۋاب جەھەتتە) ئون قۇل ئازاد قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ. ھەمدە بۇ شۇ كۈننىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە، ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقان بولىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنىڭ ئاشۇ كۈندىكى ھېچبىر ئەمىلى بۇنىڭدىمۇ پەزىلەتلىكرەك بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئاخشىمى شۇنداق دېسىمۇ ئوخشاش بولىدۇ»[سلسلة الأحاديث الصحيحة 2563].
10. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن: كىم ئەتىگەندە ۋە كەچتە يۈز قېتىم:
<سُبْحانَ اللَّه الْعَظِيمِ وَبِحَمْدِهِ>
<ئەڭ ئۇلۇغ الله قا ھەمدۇ ئېيتقان ھالدا، ئۇنى (بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن) پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن>
دېسە، ھېچكىم قىيامەت كۈنى ئۇنىڭكىدىنمۇ ياخشىراق ئەمەل بىلەن كېلەلمەيدۇ. پەقەت ئۇ دېگەننى دېگەن ياكى شۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك دېگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا [مختصر صحيح مسلم 1903؛ سنن أبي داود 5091].
11. ئەمىر ئىبن شۇئەيىب دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
كىم كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىم: «سُبْحانَ اللَّه» «الله نى (بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن) پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن» دېسە، بۇ (ئۇنىڭ ئۈچۈن) يۈز تۆگىدىنمۇ ياخشىدۇر.
كىم كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىم: «الْحَمْدُ لِلَّهِ» «بارچە ھەمدۇ – سانا اللَّه قا خاستۇر» دېسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن اللَّه يولىدا مىنىلگەن يۈز تۇلپاردىنمۇ ياخشىدۇر.
كىم كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىم: «اللَّه أَكبَرُ» «اللَّه ئەڭ بۈيۈكتۇر» دېسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈز قۇل ئازاد قىلغاندىنمۇ ياخشىدۇر.
شۇنداقلا، كىم كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىمدىن: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ» «الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېسە، قىيامەت كۈنى ھېچكىم ئۇنىڭ ئەمىلىدىنمۇ ياخشىراق ئەمەل بىلەن كېلەلمەيدۇ، پەقەت شۇ دېگەندەك ياكى شۇنىڭدىنمۇ كۆپ دېگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [صحيح الترغيب والترهيب 658].
12. ئەمىر ئىبن شۇئەيىب دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«كىم كۈندە ئىككى يۈز (ئەتىگەندە يۈز، كەچتە يۈز) قېتىم: <لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ> <الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە – يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە بارلىق ھەمدۇ – سانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر> دېسە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېچكىم ئۇنىغا يېتەلمەيدۇ، پەقەت شۇنىڭدىن ياخشىراق ئەمەل قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [سلسلة الأحاديث الصحيحة 2762].
ئۈچ قىسقا سۈرىنى ئوقۇش
13. ئابدۇللاھ ئىبنى خۇبەيب رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«{قُلْ هُوَ اللَّه أَحَدٌ}، وَالْمُعَوِّذَتَين حِينَ تُمْسِى وَحِينَ تُصبِحُ ثَلاثَ مَرَّات يَكْفِيكَ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ»
«كەچ قىلغىنىڭدا ۋە تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا {قُلْ هُوَ اللَّه أَحَدٌ} بىلەن مۇئەۋۋىزەتەيننى (يەنى فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى) ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇ، بۇ ساڭا بارلىق ئىشلار ئۈچۈن كۇپايە بولىدۇ»[تخريج الكلم الطيب 18].
ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇش
14. ئەتىگەندە ۋە كەچتە، ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇڭ:
{اللَّه لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاء وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ}
«بىر الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، الله ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە الله نىڭ(مۈلكى)دۇر، الله نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ الله نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، الله ئۇلارنىڭ (ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ) كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىنى مۇكەممەل بىلىدۇ. ھېچكىم ﷲ ئۆزىگە بىلدۈرگەندىن باشقا نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ﷲ نىڭ كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى قورشاپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ﷲ قا ئېغىر كەلمەيدۇ. ﷲ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر» [سۈرە بەقەرە 255 – ئايەت]
ئۇبەي ئىبنى كەئىب رضي الله عنه نىڭ ئاشلىقلىرىنى ئوغرىلىغان بىر جىن بۇ توغرىسىدا، «كىم ئۇنى تاڭ ئاتقۇزغاندا دېسە، كەچ كىرگۈچە بىز(يەنى جىنلار)نىڭ شەررىمىزدىن قوغدىلىدۇ؛ كىم ئۇنى كەچ قىلغاندا دېسە، تاڭ ئاتقۇچە بىز(يەنى جىنلار)نىڭ شەررىمىزدىن قوغدىلىدۇ» دېگەن ۋە بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ غا يەتكەندە، ئۇ «صدقَ الخبيثُ» «نىجىس (يەنى ئاشۇ جىن) راست ئېيتىپتۇ» دېگەن [صحيح الترغيب والترهيب 662].
15. مۇنزىر رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«كىم تاڭ ئاتقۇزغاندا <رَضِيتُ بِاللَّه رَبًّا، وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا، وَبِمُحَمَّدٍ نَبِيًّا> <رەببىمنىڭ الله ئىكەنلىكىگە، دىينىمنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىگە ۋە پەيغەمبىرىمنىڭ مُحَمَّدٌ ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇم>
دېسە، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تۇتقان پېتى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە كېپىل بولىمەن»[سلسلة الأحاديث الصحيحة 2686].
16. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبزا رحمه الله دادىسىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىزگە تاڭ ئاتقۇزغاندا شۇنداق دېيىشنى ئۆگىتەتتى:
«أَصْبَحْنا عَلَى فِطْرَةِ الْإِسْلاَمِ، وَعَلَى كَلِمَةِ الْإِخْلاَصِ، وَعَلَى دِينِ نَبِيِّنَا مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَمِلَّةِ أَبِينَا إِبْرَاهِيمَ حَنِيفاً مُسْلِماً وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشرِكِينَ»
«بىز ئىسلام فىترىتى (تەبىئىتى) ئۈستىدە، ئىخلاس كەلىمىسى ئۈستىدە، پەيغەمبىرىمىز مُحَمَّدٌ نىڭ ۋە ھەنىف (باتىل دىنلاردىن بۇرىلىپ، ھەق دىنغا يۈزلەنگۈچى)، مۇسۇلمان بولغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ دىنى ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزدۇق. ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» [سلسلة الأحاديث الصحيحة 2989].
17. جۇۋەيرىيە رضي الله عنها مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فەجىر نامىزىنى ئوقۇغاندﯨن كېيىن، چىقىپ كەتتى. مەن نامازگاھىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. چاشگاھ ۋاقتى بولغاندا، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نامازگاھىمغا كىردى ۋە مېنىڭ تېخىچە ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ: سىز تېخىچە ئولتۇرۇپسىزغۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ھەئە، دېگەنىدﯨم، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېدى: «مەن سىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۆت كەلىمىنى ئۈچ قېتىم ئوقۇدۇم. ئەگەر بۇ تۆت كەلىمە بىلەن سىزنىڭ ئەتىگەندىن تارتىپ ئوقۇغانلىرىڭىز تارتىلسا، بۇ تۆت كەلىمە چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ:
«سُبْحَانَ اللَّه وَبِحَمْدِهِ: عَدَدَ خَلْقِهِ، وَرِضَا نَفْسِهِ، وَزِنَةَ عَرْشِهِ، وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ»
«الله قا مەخلۇقاتىنىڭ سانىچىلىك، ئەرشىنىڭ ئېغىرلىقىچىلىك، كەلىمەلىرىنى يېزىشقا كېتىدىغان سىياھنىڭ مىقدارىچىلىك ۋە ئۇ رازى بولغۇچە ھەمدۇ – سانا ئېيتقان ھالدا، ئۇنى (بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن) پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن»[سلسلة الأحاديث الصحيحة 2156].
يۈز قېتىم مەغفىرەت تىلەش
18. ئەبۇ مۇسا رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«مَا أَصْبَحْتُ غَدَاةَ قَطُّ إلَّا اسْتَغْفَرْتُ اللَّه فِيهَا مِائَةً مَرَّةٍ»
«مەن قاچانىكى تاڭ ئاتقۇزسام، شۇ سەھەردە اللَّه تىن يۈز قېتىم مەغفىرەت تىلىمەي قالمىدىم» [سلسلة الأحاديث الصحيحة 1600].
سەييىدۇل ئىستىغفار
«اللَّهمَّ أَنْتَ رَبِّي لَا إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأَبُوءُ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنوبَ إِلاَّ أَنْتَ»
«ئى الله! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندﯨن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سېنىڭ ئەھدىڭ ۋە ۋەدەڭگە بويسۇنىمەن. قىلغان گۇناھلىرﯨمنىڭ يامانلىقىدﯨن ساڭا سېغىنىمەن، ماڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغفىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى سەندﯨن باشقا ھېچكىم مەغفىرەت قىلالمايدۇ».
شەدداد ئىبنى ئەۋس رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن: «كىمكى چىن كۆڭلىدﯨن ھەقىقىي ئىشىنىپ، بۇ دۇئانى كۈندۈزى ئوقۇسا ۋە (شۇ كۈنى) كەچ كىرىشتىن بۇرۇن ئۆلسە، جەننەت ئەھلىدﯨن بولىدۇ. كىمكى چىن كۆڭلىدﯨن ھەقىقىي ئىشىنىپ، بۇ دۇئانى كەچقۇرۇن ئوقۇسا ۋە (شۇ كېچە) تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۆلسە، جەننەت ئەھلىدﯨن بولىدۇ»[مختصر صحيح الإمام البخاري 2420].
