ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رَحِمَهُ اللَّهُ شۇنداق دېگەن:
اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ (ئى الله! ئۈستۈن پەرىشتىلەر مەجلىسىدە مۇھەممەدنى ماختىغىن)
«صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ»نىڭ مەنىسى نېمە؟ «اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ» دېسەڭ، الله نىڭ ئۈستۈن مەجلىستە، پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نى ماختىشىنى تىلىگەن بولىسەن. الله نىڭ ئۇنى ماختىشى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دىن رازى بولغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ماقامىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
«اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ» (ئى الله! ئۈستۈن پەرىشتىلەر مەجلىسىدە مۇھەممەدنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ماختىغىن)
«آلِ مُحَمَّدٍ» ئىبارىسىنىڭ مەنىسى نېمە؟
بۇ يەردىكى «آلِ مُحَمَّدٍ» دىيندا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بىر كىشىنىڭ «آل»ى ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
الله تبارك وتعالى بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: {وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ} «قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (پەرىشتىلەرگە دېيىلىدۇكى): «فىرئەۋننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا كىرگۈزۈڭلار!» [غافىر سۈرىسى 46 – ئايەت].
يەنى بۇ (ئايەتتىكى «آلَ» كەلىمىسى) فىرئەۋىننىڭ دىينىدا بولغان ئەگەشكۈچلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن («اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ» دېگەن دۇرۇتتىكى)، پەيغەمبەرنىڭ «آل»ىمۇ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. [«الشرح الممتع على زاد المستقنع» (4/ 39)]
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە دۇرۇت يوللاشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن يەنە بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «فَإِنَّهُ مَنْ صَلَّى عَلَيَّ صَلَاةً صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ بِهَا عَشْرًا» «كىم ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت يوللىسا، الله شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئون قېتىم دۇرۇت يوللايدۇ» دېگەن.
ئەللامە سالىھ فەۋزاندىن «الله نىڭ بەندىگە دۇرۇت يوللىشى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى «مَعْنَى الصَّلَاةِ مِنَ اللَّهِ فَهُوَ ثَنَاؤُهُ عَلَى عَبْدِهِ فِي الْمَلَإِ الْأَعْلَى» «الله تىن بولغان دۇرۇتنىڭ مەنىسى الله نىڭ ئۈستۈن پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدا بەندىسىنى ماختىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن [مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=bcoFEwbcwDg]
