ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«سَبْعَةٌ يُظِلُّهُمُ اللهُ في ظِلِّهِ يَوْمَ لَا ظِلَّ إلَاّ ظِلُّهُ: إمَامٌ عَادِلٌ، وَشَابٌّ نَشَأ في عِبَادَةِ الله – عز وجل – وَرَجُلٌ قَلْبُهُ مُعَلَّقٌ بِالمَسَاجِدِ، وَرَجُلَانِ تَحَابّا في اللهِ اجْتَمَعَا عَلَيهِ وتَفَرَّقَا عَلَيهِ، وَرَجُلٌ دَعَتْهُ امْرَأةٌ ذَاتُ حُسْنٍ وَجَمَالٍ، فَقَالَ: إنِّي أخَافُ الله، وَرَجُلٌ تَصَدَّقَ بِصَدَقَةٍ، فَأخْفَاهَا حَتَّى لَا تَعْلَمَ شِمَالُهُ مَا تُنْفِقُ يَمِينُهُ، وَرَجُلٌ ذَكَرَ الله خَالِيًا فَفَاضَتْ عَيْنَاهُ»
«الله ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە يوق كۈندە، يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئۆز سايىسىدە سايىدىتىدۇ: (1) ئادىل ئىمام (يەنى ھۆكۈمدار)، (2) الله عز وجل نىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش، (3) قەلبى الله نىڭ مەسجىدىگە باغلانغان كىشى، (4) بىر – بىرىنى الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈپ، شۇ ھالەتتە بىر يەرگە كەلگەن ۋە شۇ ھالەتتە ئايرىلغان ئىككى كىشى، (5) مەرتىۋىلىك، چىرايلىق ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، مەن <الله تىن قورقىمەن> دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى، (6) ئوڭ قولىنىڭ بەرگىنىنى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپى سەدىقە بەرگەن كىشى، (7) خالىي جايدا الله نى ئەسلەپ ياش تۆككەن كىشى»
[ئىمام بۇخارى (1423) ۋە ئىمام مۇسلىم (1031) توپلىغان].
- ئادىل ئىمام (ھۆكۈمدار، باشلىق)
بۇ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلغان كىشىدۇر. ﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك ئىش يوقتۇر. چۈنكى، ئادالەتنىڭ بېشى ئەنە شۇ (يەنى ﷲ نىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش)دۇر. چۈنكى ﷲ تەئالا شۇنداق دېگەن: «إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ» «ﷲ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ»[سۈرە نەھل 90- ئايەت]. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ﷲ نىڭ شەرئىتىدىن باشقا نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسا، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان بولىدۇ. ھەتتا، ئۇ – ﷲ ساقلىسۇن – كاپىردۇر (يەنى ﷲ نىڭ شەرىئىتىدىن باشقا نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسىمۇ بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ئەمما، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، ياكى دۇنياۋى مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ﷲ نىڭ شەرىئىتىدىن باشقا نەرسىلەر بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى تاكى شۇنداق قىلىشنى ھالال سانىمىغۇچە كۇفۇردىن كىچىك كۇفۇر سادىر قىلغان بولىدۇ. گۇناھى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولسىمۇ، لېكىن دىندىن چىقىپ كاپىر بولمايدۇ، ت). چۈنكى ﷲ تەئالا شۇنداق دېگەن: «وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ» «كىملەركى ﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر» [سۈرە مائىدە 44- ئايەت].
شۇ سەۋەبتىن، بىر ھۆكۈمدار ﷲ نىڭ شەرىئىتىنى قويۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقا قانۇنلارنى ئىجرا قىلسا، ئاندىن «مەن بۇ قانۇنلاردىن باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلمايمەن» دېسە، كاپىر بولىدۇ. بۇنداق كىشى ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ، زاكات بەرسىمۇ، ھەجگە بارسىمۇ، ﷲ نى زىكىر قىلسىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرسىمۇ كاپىردۇر. قىيامەت كۈنى دوزاختا ئەبەدىي قالىدۇ. مۇسۇلمان خەلقىنىڭ بۇنداق بىرىنى – رەھبەرلىكتىن چۈشۈرۈۋېتىشكە ئىمكانى بولسا – ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.
خۇلاسە، باشلىقنىڭ ئادىل بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى ﷲ نىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىشتۇر.
ئادىللىقنىڭ يەنە بىر شەرتى باشلىقنىڭ پېقىر – باي، دوست – دۈشمەن، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى يات دېمەستىن، ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىدۇر. ھۆكۈم بەرگەندە دوستىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، دۈشمىنىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ھەتتا ئالىملار «ھاكىمنىڭ يېنىغا بىرى كاپىر، يەنە بىرى مۇئمىن بولغان ئىككى كىشى كىرسە، بىرسىگە يەنە بىرسىدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن. بىللە كىرىدۇ، بىللە ئولتۇرىدۇ، ھاكىم ئايرىمچىلىق قىلماستىن ھەر ئىككىسى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. مۇئمىنگە كۈلۈمسىرەپ، كاپىرغا چىرايىنى تۈرمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ﷲ نىڭ دېگىنىدەك، كاپىر بىلەن مۇئمىن بىر ئەمەستۇر: أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ ﴿٣٥﴾ مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ ﴿٣٦﴾ «بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟ (35) سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر! (36)» [سۈرە قەلەم 35 – 36- ئايەت]. بىراق ئۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دەۋاگەرلەردۇر ۋە تامامەن تەڭ ئورۇندىدۇر.
ﷲ ئەززە ۋەجەللىنىڭ بۇ ئۈممەتكە ئىستىسناسىز ھەركىشىگە، ھەتتا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ بالىلىرىغا ۋە نەۋرىلىرىگىمۇ ئىجرا قىلىشىنى بۇيرۇغان ھەد جازاسى، ئادىللىقنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ھالبۇكى، ئەڭ ئادىل رەھبەر بولغان رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئوغرىلىق قىلغان، بەنى مەخزۇم قەبىلىسىگە تەۋە بىر ئايالنىڭ قولىنىڭ كېسىلمەسلىكى ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈپ يېنىغا كەلگەن ئۇسامەنىڭ ئىشىغا ئاچچىقلىنىپ «ﷲ نىڭ ھەدلىرىنىڭ بىرى (يەنى شۇ ھەدنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى) ئۈچۈن ئارىغا چۈشۈۋاتامسەن؟» دېگەن. ئاندىن كىشىلەرگە سۆز قىلغان، ﷲ قا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن شۇنداق دېگەن:
«إِنَّمَا أَهْلَكَ الَّذِينَ قَبْلَكُمْ أَنَّهُمْ كَانُوا إِذَا سَرَقَ فِيهِمُ الشَّرِيفُ تَرَكُوهُ وَإِذَا سَرَقَ فِيهِمُ الضَّعِيفُ أَقَامُوا عَلَيْهِ الْحَدَّ وَايْمُ اللهِ لَوْ أَنَّ فَاطِمَةَ بِنْتَ مُحَمَّدٍ سَرَقَتْ لَقَطَعْتُ يَدَهَا»
«سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈن ھالاك بولغانكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى شەرەپلىكلىرى ئوغرىلىق قىلسا ئۇلارغا چېقىلمايتتى، ئارىسىدىكى ئاجىزلار ئوغرىلىق قىلسا ئۇلارنى جازالايتتى. ﷲ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلسا، چوقۇم ئۇنىڭ قولىنى كەسكەن بولاتتىم» [بۇخارى 3475 – ھەدىس]
ئاياللارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، جەننەت ئاياللىرىنىڭ خوجىسى، ئەڭ پەزىلەتلىك ئىنسان مۇھەممەد صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ قىزى ئوغرىلىق قىلسا، دادىسى يەنىلا ئۇنىڭ قولىنى كەسكەن بولاتتى. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ «كېسىشكە بۇيرۇيتتۇم» دېيىشنىڭ ئورنىغا «كەسكەن بولاتتىم» دېگەن سۆزنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ! جۈملىدىن، قىزىنىڭ قولىنى بىۋاستە ئۆزىنىڭ كېسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مانا بۇ ئادالەتتۇر. ئاسمانلار ۋە يەر يۈزى مۇشۇنىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
باشلىقنىڭ ئادالىتىنىڭ يەنە بىر تەقەززاسى ۋەزىپىلەرگە شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان دىندار كىشىلەرنى قويۇشىدۇر. بۇ كىشىلەر شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئىشەنچلىك ۋە كۈچلۈك كىشىلەر بولۇشى كېرەك. بىر كىشىنى ۋەزىپىگە قويغاندا ئۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىك بار – يوقلۇقى نەزەردە تۇتۇلۇشى كېرەك.
ﷲ تەئالا شۇنداق دېگەن:
«قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ ۖ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ»
{ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»} [سۈرە قەسەس 26 – ئايەت]
«قَالَ عِفْرِيتٌ مِّنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَن تَقُومَ مِن مَّقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ»
{جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن».[سۈرە نەمل 39 – ئايەت].
شۇ سەۋەبتىن، ئادالەتنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ۋەزىپىلەرگە شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان ۋە ئىشەنچلىك كىشىنى قويۇش زۆرۈردۇر. ئەكسىنى قىلغان، يەنى شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغان بىر كىشى بار تۇرۇقلۇق، ئەھلى بولمىغان كىشىنى ۋەزىپىگە قويغان باشلىق ئادىل باشلىق ئەمەس.
خۇلاسە، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئادىل باشلىقنى ھېچقانداق بىر سايە تېپىلمايدىغان كۈندە ئۇلۇغ ﷲ نىڭ سايىسىدە سايىدايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالغان، چۈنكى خەلقنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇش قىيىندۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇلۇغ ﷲ بەندىلىرىنىڭ بېشىغا قويغان كىشى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈمدارلىق قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنسا، ناھايىتى چوڭ ياخشىلىق قىلغان، ھەم ئۆز دەۋرىدە، ھەم ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۈممەتكە نەپ يەتكۈزگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىنسانلارغا ياخشى ئۆرنەك بولغان بولىدۇ.
- ﷲ نىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ياش
ياش – ئون ياش بىلەن ئوتتۇز ياش ئارىسىدا بولغان كىشىدۇر. شۈبھىسىزكى، ياشلار تۈرلۈك شەيئىلەرگە ۋە پىكىرلەرگە مايىل كېلىدۇ ۋە بىر ئىشتا مۇقىم تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ياشتۇر. كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان نەرسىلەرگە بېرىلىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇرۇشلاردا مۇشرىكلارنىڭ قېرىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپ، ياشلىرىغا چېقىلمايتتى. چۈنكى، ياشلار ئىسلامغا دەۋەت قىلىنغاندا مۇسۇلمان بولۇش ئېھتىمالى بار ئىدى. ياشلارنىڭ تۈرلۈك چۈشەنچىلىرى، قىزىقىشلىرى، پىكرىي، ئەخلاقىي ۋە ياشاش ئۇسلۇبى تەرەپلەردە ھەرخىل مايىللىقلىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ﷲ قا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆتكەن ياش ھېچقانداق بىر سايە تېپىلمايدىغان كۈندە ﷲ نىڭ سايىسىدە سايىدايدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ﷲ قا ئىتائەت قىلىش ـــ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش دېگەنلىكتۇر. ﷲ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېىنىش بولسا، پەقەت بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى بىلىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇنى بىلىش بولسا، ئىلىم ئۆگىنىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ ياش ھەم ئىلىم ئۆگەنگەن ھەم ﷲ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان ۋە چەكلىمىلىرىدىن يانغان بىر ياش دېمەكتۇر (بۇ ھەدىستىكى «ياش» يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئوغۇللارنىمۇ، قىزلارنىمۇ بىردەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ت).
- قەلبى مەسجىدلەرگە باغلانغان كىشى
يەنى مەسجىدلەرنى بەك ياخشى كۆرىدىغان كىشى … ئۇنداقتا، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى كىشنىڭ كۆپ ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشىمۇ ياكى مەسجىدلەرنى ياخشى كۆرۈشىمۇ؟ ئىككىلى ئېھتىماللىق بار. يەنى بۇ ئادەمنىڭ قەلبى داۋاملىق مەسجىدتىدۇر. نامازگاھلاردا بولۇشنى، ناماز ئوقۇشنى، بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازنى ئوقۇشنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
- بىر – بىرىنى الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈپ، شۇ ھالەتتە بىر يەرگە كەلگەن ۋە شۇ ھالەتتە ئايرىلغان ئىككى كىشى:
يەنى ئارىسىدا ھېچقانداق تۇغقاندارچىلىق، تىجارەت ۋە ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولماسلىقىغا قارىماستىن، بىر – بىرىنى پەقەت ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەنلەردۇر. ئۇلار بىر-بىرىنى ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن، چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىنىنىڭ ﷲ قا بەندىچىلىك قىلغان، شەرىئەتلىرىگە بويسۇنغان بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە قارشى تەرەپكە مۇھەببەت باغلىغان. بۇ سۈپەتكە ئىگە بىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە دوستى قاتارلىقلار بولۇشى سەۋەبلىك، ئۇنى ھەر ئىككى تەرەپتىن ياخشى كۆرۈشىدە مەسىلە يوق. يەنى قارشى تەرەپنى ھەم تۇغقىنى ياكى دوستى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھەم ئىمانلىق بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرسە بولىدۇ.
ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دىنىي ۋە شەرئىي رىشتە، يەنى ﷲ قا بولغان بەندىچىلىك سەۋەبىدىن بىر – بىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن ۋە قان قېرىنداشقا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن. ئۇلار دۇنيادا بىر يەرگە كەلگەن ۋە پەقەت ئايرىلمىغان. يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى پەقەت ئۆلۈم ئايرىيدۇ. ﷲ بۇنداق كىشىنىمۇ ھېچقانداق بىر سايە تېپىلمايدىغان كۈندە ئۆز سايىسىدە سايىدىتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇھەببەت ۋە دوستلۇقى قىيامەت كۈنىمۇ داۋاملىشىدۇ. ھەقىقەتەن ﷲ تەئالا شۇنداق دېگەن: «الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ» «ئۇ كۈندە دوستلار بىر – بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (ﷲ رازىلىقى ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا». تەقۋادارلارنىڭ دوستلۇقى دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ باقىيدۇر.
- نەسەبلىك ۋە چىرايلىق ئايال (زىناغا) چاقىرسا، «مەن ﷲ تىن قورقىمەن» دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى
جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتە نورمال بىر كىشىنى نەسەبلىك بىر ئايال زىناغا چاقىرسا … يەنى ئادەتتىكى بىرى ئەمەس،بەلكى نەسەبلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، چىرايلىق بىر ئايال ئۇ كىشىنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان، پىنھان بىر جايدا زىناغا چاقىرىدۇ. ئۇ كىشىمۇ جىنسىي ئىستىكىنىڭ نورمال،ئاياللارغا قارىتا شەھۋىتى بارلىقىغا قارىماستىن، «مەن ﷲ تىن قورقىمەن» دەپ ئۇ ئايالنى رەت قىلىدۇ. ئۇنى زىنادىن پەقەت تەقۋاسى (ﷲ تىن قورقۇشى) توسۇپ قالىدۇ!
بۇ ئادەمگە قاراڭ! زىناغا ئۈندەيدىغان بارلىق ئامىللار مەۋجۇت: جىنسي ئىقتىدارى نورمال، ئۇنى زىناغا چاقىرغان ئايال چىرايلىق ھەم نەسەبلىك، ئۇلار ھەم (ئىنسان كۆرمەيدىغان) خالىي جايدا. لېكىن، ئۇنى زىنادىن كۈچلۈك بىر ئامىل توسۇپ تۇرىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ تەقۋاسىدۇر! ئۇ «ئاياللارغا قىزىقمايمەن»، «سەن چىرايلىق ئەمەس»، «سەن پەس ۋە ئادەتتىكى بىر ئايال، سەن بىلەن بىرگە بولۇپ ئۆزۈمنى خار قىلالمايمەن» ياكى «كىشىلەر كۆرۈپ قالىدۇ» دېمەستىن، «مەن ﷲ تىن قورقىمەن» دەيدۇ. ﷲ بۇ كىشىنىمۇ ھېچقانداق بىر سايە تېپىلمايدىغان كۈندە سايىسىدە سايىدىتىدۇ.
ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا قاراڭ: مىسىر پادىشاھىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى. پادىشاھنىڭ ئايالى ناھايىتى چىرايلىق ۋە جەزبىدار ئىدى. ئۇ ئايال ئىشىكلەرنى تاقاپ، «بېرى كەل» دېدى (سۈرە يۇسۇف 23 – ئايەت). يەنى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە چاقىردى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ياش ئىدى. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۇنىڭغا مايىل بولدى. پەقەت رەببىنىڭ بېشارىتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشى كەلگەن ھامان، قەلبى ﷲ بولغان تەقۋادارلىق بىلەن تولدى. كېيىن، بۇ ئايال ئۇنىڭغا زىندان بىلەن تەھدىت سالدى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بولسا {رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُن مِّنَ الْجَاهِلِينَ ﴿٣٣﴾ فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ ﴿٣٤﴾ يۇسۇف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى (33) رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۇسۇفتىن دەپئى قىلدى. ﷲ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر (34) ئاندىن ئۇلار (يۇسۇفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى (35)} [سۈرە يۇسۇف].
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ﷲ ئۈچۈن زىندانغا كىرىشنى تاللىدى ۋە (ئۆزىنى زىناغا چاقىرغان) ئايالغا يېقىن كەلمىدى. ئەينى چاغدا زىناغا ئۈندەيدىغان بارلىق ئامىللار مەۋجۇت ئىدى. لېكىن، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام رەببىنىڭ كۆرسىتىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىنى كۆرۈپ ﷲ تىن قورقتى.
- ئوڭ قولى بەرگەننى سول قولى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە مەخپىي سەدىقە بەرگەن كىشى
بۇ كىشى ئۆزىدە ئىخلاسنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمىلىدىن خەۋەردار بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە، قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ﷲ بىلەن ئۆزى ئارىسىدا قېلىشىنى خالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سەدىقە بېرىلگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە تەشەككۈر ئېيتىشىنىمۇ كۈتمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سەدىقە بەرگەن كىشى، سەدىقە بېرىلگەن كىشىنى تەشەككۈر ئېيتىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ. بىراق، (ھەدىستە تەرىپلەنگەن) بۇ كىشى ئوڭ قولىدا بەرگەن سەدىقىسىنى سول قولى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە يوشۇرىدۇ. يەنى ئوڭ قولىنىڭ بەرگىنىنى سول قولىنىڭ بىلمەسلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا ئىدى، ئۇنىمۇ قىلغان بولاتتى. بۇ كىشى ناھايىتى ئىخلاسمەن ۋە سەدىقىسى بىلەن مننەت قىلىشتىن تامامەن يىراق بىرىدۇر. ﷲ ئۇ كىشىنىمۇ ھېچقانداق بىر سايە تېپىلمايدىغان كۈندە ئۆز سايىسىدە سايىدىتىدۇ.
شۈبھىسزكى، سەدىقىنى مەخپىي قىلىش تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر، پەقەت بەزى ئەھۋاللاردا ئاشكارا قىلىش تېخىمۇ ياخشىدۇر. مەسىلەن، ئاشكارا قىلىش باشقىلارنىڭمۇ سەدىقە قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بولسا، ئاشكارا سەدىقە قىلىش تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلۇغ ﷲ، ۋەزىيەتكە كۆرە ھەم ئاشكارا، ھەم يوشۇرۇن سەدىقە بەرگەنلەرنى ماختىغان. بۇ يەردە ئۈچ خىل ئەھۋال بار: (باشقىلارنىڭ سەدىقە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈمىد قىلىنمىغان ئەھۋاللاردا) يوشۇرۇن سەدىقە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر. (باشقىلارنىڭ سەدىقە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈمىد قىلىغان ئەھۋاللاردا بولسا) ئاشكارا سەدىقە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئەگەر ئىككىسىنىڭ (باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى) دەرىجىسى ئوخشاش بولسا، يوشۇرۇن سەدىقە بېرىش تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر.
- خالىي جايدا ﷲ نى زىكىر قىلىپ ياش تۆككەن كىشى
بۇ كىشى ئۆزىنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە تىلى ۋە قەلبى بىلەن ﷲ نى زىكىر قىلىدۇ. ئۇ دۇنيانى ئۇنتۇپ، قەلبىنى ﷲ قا باغلىغان. ﷲ نى ھەم تىلى، ھەم قەلبى بىلەن ئەسلەپ، ﷲ ئەززە ۋەجەللىنىڭ كاتتىلىقى ۋە بۈيۈكلىكىنى ئويلاپ، ﷲ قا مۇھەببەت باغلايدۇ ۋە يىغلايدۇ. بۇ كىشىمۇ ﷲ نىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە تېپىلمايدىغان كۈندە، ﷲ ئۆز سايىسىدە سايىدىتىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.
**************
بىر كىشى بۇ يەتتە ئەمەلنىڭ بىرىگە، ئىككىسىگە، ئۈچىگە، تۆتىگە، بەشىگە، ئالتىسىگە ۋە يەتتىسىگە مۇۋەپپەق قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇلار بىر – بىرىگە زىت ئىشلار ئەمەس. كىشى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن نېسىۋە ئالالايدۇ. ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:«كىمكى ﷲ يولىدا قوشلاپ سەرپ قىلسا، ئۇ جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن <ئى ﷲ نىڭ بەندىسى، بۇ يەر بەكمۇ ياخشى> دەپ چاقىرىلىدۇ. كىمكى ناماز ئەھلىدىن بولسا، ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا، جىھاد ئىشىكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا، سەدىقە ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا، روزىنىڭ رەييان دېگەن ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ» دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر كىشىنىڭ بىرلا ئىشىكتىن چاقىرىلىشى شەرتمۇ، يەنە بىر كىشىنىڭ ھەممە ئىشىكتىن چاقىرىلىش مۇمكىنچىلىكى يوقمۇ؟» دەپ سورىغانىدى،پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:« ئى ئەبۇ بەكرى، بار، مەن سېنىڭ شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى [بۇخارى 3666 – ھەدىس]. چۈنكى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز، روزا، سەدىقە ۋە جىھاد ئەھلى ئىدى. ئۇ ھەر ياخشىلىق ئىشىكىدىن نېسىۋە ئالغانىدى. ﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي ۋە ئۇنى رازى قىلغاي!
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن:
ھېچ كىشىنىڭ (سالقىنلايدىغان) سايىسى تېپىلمايدىغان كۈندىكى «ﷲ نىڭ سايىسى» دېيىلگىنىدە، ئىنسانلار بۇنىڭدىن «ﷲ نىڭ زاتىنىڭ سايىسى» كۆزدە تۇتۇلغان دەپ ئويلىۋالىدۇ. بۇ پەقەت نادان كىشى قىلىدىغان ئىنتايىن خاتا گۇماندۇر. چۈنكى، مەلۇم بولغىنىدەك، ئىىنسانلار يەر شارىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. سايىمۇ قۇياش سەۋەبلىك شەكىللىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، «ﷲ نىڭ زاتىنىڭ سايىسى بار بولىدۇ» دەپ قارالسا، قۇياش ﷲ نىڭ ئۈستىدە بولۇشى، ﷲ قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ سايە تاشلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەستۇر. چۈنكى ﷲ نىڭ پۈتۈن مەخلۇقات ئۈستىدىكى ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى سابىتتۇر.
ئەكسىچە، بۇ يەردىكى مەقسەت، ﷲ ئۇ كۈنى بىر سايىنى يارىتىپ، ئۇ سايىدە سايىداشقا لايىق بولغان كىشىلەرنى سايىدىتىدۇ. ﷲ نىڭ بۇنى ئۆزىگە نىسبەت بېرىشى، ئۇ كۈندە ھېچبىر مەخلۇقنىڭ ھېچقانداق ۋاستە بىلەن سايىدىيالمايدىغانلىقى سەۋەبلىكتۇر. ئۇ يەردە نە بىر ئۆي، نە بېشىغا قويۇۋالغىلى بولىدىغان بىر نەرسە يوقتۇر. بىردىنبىر سايە، ﷲ قۇللىرى ئۈچۈن ياراتقان سايىدۇر. ﷲ ئۇ كۈندە بىردىنبىر سايىداتقۇچى بولغانلىقى سەۋەبلىك، مەزكۇر سايىنى ئۆزىگە نىسبەت بەرگەن (يەنى «ﷲ نىڭ سايىسى» دەپ ئاتىغان).
