دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 34170 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: مەن سىلىنىڭ نىكاھ توغرىسىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم. ئەمما، مەن شۇ ماقالىدە نەقىل قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشىگە تۆت نەرسە ئۈچۈن ئۆيلىنىلىدۇ، مال – دۇنيا، گۈزەللىك، نەسەب، دىندارلىق» دېگەن ئىكەن.
بۇ ھەدىستىن «كۆڭۈلدىكىدەك ئايال باي، چىرايلىق، ئېسىل نەسەبلىك ۋە تەقۋادار بولۇشى كېرەك» دېگەن مەنا چىقامدۇ؟ «دىندارلىق» دېگەن شەرت ماڭا تولىمۇ چۈشىنىشلىك، ئەمما قالغان ئۈچىنىڭ شەرت قىلىنىشىنى تازا چۈشىنەلمىدىم. مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (4802 – نومۇردا) ۋە ئىمام مۇسلىم (1466 – نومۇردا) ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
«تُنْكَحُ الْمَرْأَةُ لِأَرْبَعٍ : لِمَالِهَا ، وَلِحَسَبِهَا ، وَلِجَمَالِهَا ، وَلِدِينِهَا ، فَاظْفَرْ بِذَاتِ الدِّينِ تَرِبَتْ يَدَاكَ»
«ئايال كىشىگە تۆت نەرسىسى سەۋەبلىك ئۆيلىنىلىدۇ، مال – دۇنياسى، نەسەبى، گۈزەللىكى ۋە دىندارلىقى. سەن دىندار ئايالنى ئالغىن، قولۇڭ توپىغا مىلەنسۇن (يەنى ئىشلىرىڭ روناق تاپسۇن)».
بۇ ھەدىستە كىشىنى ئايال كىشىگە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، نەسەبى ياكى مال – دۇنياسى سەۋەبلىك ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ياكى بۇيرۇيدىغان ھېچقانداق مەزمۇن يوق. دەل ئەكسىچە، بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، ئادەتتە كىشىلەر خوتۇن ئالغاندا مۇشۇ تۆت جەھەتتىن ئويلىشىدۇ، بەزىلىرى چىرايلىق ئايال ئېلىشنى ئويلايدۇ، بەزىلىرى ئېسىل جەمەتنىڭ قىزلىرىنى ئالسام دەيدۇ، بەزىلىرى باي خوتۇن ئالسام دەيدۇ. يەنە بەزىلىرى دىندار – تەقۋادار ئايالغا ئۆيلىنىشنى ئويلايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنى مۇشۇ ئاخىرقى جەھەتتىن ئويلىشىشقا، يەنى تەقۋادار ئايال ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: «دىندار ئايالنى ئالغىن، قولۇڭ توپىغا مىلەنسۇن (يەنى ئىشلىرىڭ روناق تاپسۇن)» دېگەن.
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى»دە بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
«بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى توغرا قاراش شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كىشىلەرنىڭ (ئايال تاللاش جەھەتتىكى) ئەھۋالىنى، يەنى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئايال تاللىغاندا شۇ تۆت جەھەتتىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان… رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزى ئايال تاللىغاندا شۇ تۆت نۇقتىدىن ئويلىشىشقا بۇيرۇغانلىق ئەمەس. بۇ ھەدىس بىزنى پۈتۈن ئىشلاردا دىندار – تەقۋا كىشىلەر بىلەن ھەمراھ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، چۈنكى تەقۋادارلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان كىشى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق يامان تەسىرنى يۇقتۇرۇۋالمايدۇ.»
