ئەبۇ ھۇرەيرە رَضِيَ اللَّهُ عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن،
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن بىر كىشىنى ئوتۇن يىغىشقا بۇيرۇسام، ئوتۇن يىغىلسا، ئاندىن نامازغا ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇسام، ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى بۇيرۇسام (مېنىڭ ئورنۇمدا) كىشىلەرگە ئىمام بولسا، ئاندىن نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتسەم دەيمەن.» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
* ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھتىن «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ھەدىستىكى <نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتسەم دەيمەن> دېگەن سۆزىنى ئەمەلدە قىلمىغان؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندا: «رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى ئويلىغان تۇرۇقلۇق، ئەمەلىيەتتە قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دەپ سورىشىدۇ.
بۇنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئېنىق. چۈنكى، جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىدە پەقەت شۇ كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئايال – بالىلىرى قاتارلىقلار بار. مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئاياللار ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار ئۈچۈن (مەسجىدكە قارىغاندا) تېخىمۇ ياخشىدۇر» دېگەن. يەنى ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇشى مەسجىدتە ئوقۇشىدىن ئەۋزەل، ئەر كىشىنىڭ بولسا مەسجىدتە ئوقۇشى ئۆيىدە ئوقۇشىدىن ئەۋزەلدۇ.
ئەگەر رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشتەك ئاشۇ قاتتىق جازانى ئىجرا قىلغان بولسا، بۇ جازاغا لايىق بولمىغان (ئايال – بالىلارغا ئوخشاش) كىشىلەرگىمۇ ئازاب يەتكەن بولاتتى. بۇ بولسا قۇرئان كەرىمدىكى: {أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ ﴿٣٦﴾ وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّىٰ ﴿٣٧﴾ أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ﴿٣٨﴾ وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ ﴿٣٩﴾} «ئۇ مۇسانىڭ ۋە ۋەزىپىسىنى كامىل رەۋىشتە ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟ [36 – 37]. بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ [38]. ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ [39]» دېگەن ئايەتلەرگە زىت كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئۆي كۆيدۈرۈش جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقىدىكى سەۋەب مانا شۇ.» [فتاوى عبر الهاتف والسيارة – شريط : 265]
