ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رَضِيَ اللَّهُ عَنْه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ، ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن بىر سىزىق سىزدى. ئاندىن ئوتتۇرىدىكى سىزىقنىڭ ئۈستىگە (شۇ سىزىققا تىك قىلىپ) بىر مۇنچە كىچىك سىزىقلارنى سىزدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى. بۇ كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا (كېسەللىك، ئاچارچىلىق، ۋەقە – ھادىسە قاتارلىق) مۇسىبەتلەردۇر. ئىنسان بۇ مۇسىبەتلەرنىڭ بىرىدىن قۇتۇلسا، يەنە بىرى ئۇنى چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا، يەنە بىرى چىرمىۋالىدۇ.» [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

پەزىلەتلىك شەيخ خالىد سىبتى مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
«ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر خىل ۋەقەلەر كېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، گاھىدا ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ (ئۆلمەي) قۇتۇلۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەردىن بىرىدۇر. يەنە بىر قېتىمدا، ئۇ يىقىلىپ چۈشۈپ، بىرەر يېرىنى سۇندۇرۇۋالىدۇ – يۇ، ئەمما يەنىلا (ئۆلۈمدىن) قۇتۇلۇپ قالىدۇ. يەنە بىر قېتىمدا، ئۇ قاتتىق كېسەل بولۇپ قالىدۇ – يۇ، لېكىن يەنىلا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما، ئەجەل كەلگەندە، ئۇ كارىۋىتىدا (جىم ياتقان) بولسىمۇ، ئۆلمەي قالمايدۇ.
ئىنسان ئەجەل كەلمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. ئەجەل كەلگەندە، ئارزۇ – ئارمانلار ئۈزۈلىدۇ. (يۇقىرىقى ھەدىستە تىلغان ئېلىنغان) ئارزۇ – ئارمان سىزىقىنىڭ ئەجەل كاتەكچىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە، ئۇزۇنلۇقىغا دىققەت قىلىڭ! ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن، قەبرىسىدە ئۆز ئەمەللىرىنىڭ ئەسىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر ھايات چېغىدا پەقەت ئۆز ئۆلۈمىگىچىلا ئىشقا ئاشىدىغان ئارزۇ – ئارمانلارنى قىلغانمۇ؟ يەنى ئۇلارنىڭ ھايات چېغىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئاشقانمۇ؟ جاۋاب: ياق!
ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ئىشلىرى، پىلان – پروگراممىلىرى بار ئىدى. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەۋبە قىلىشنى، پاك – سالىھ ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشنى، تېخىمۇ ياخشى ھالەتتە الله نىڭ ئىبادىتىگە بېرىلىشنى ئۈمىد قىلىشقانىدى. لېكىن، ئەجەل كەلدى ۋە ھەممىسى تۈگىدى.
(بۇ ھەدىستىكى) مەقسەت شۇكى، قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئادەمنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى تولىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، ئەجەل بولسا ئۇنىڭدىن يېقىندۇر. ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ئەجىلىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئىنسان گويا بۇ ئارزۇ – ئارمانلار ئۆزلۈكىدىن ئىشقا ئېشىپ قالىدىغاندەك ئويلاپ، شۇ ئارزۇ – ئارمانلارغا غەرق بولماستىن، كۈچەپ ئەمەل قىلىشى كېرەك. تاڭ ئاتقۇزغاندا كەچ بولۇشىنى كۈتمە، كەچ بولغاندا تاڭ ئاتقۇزۇشنى كۈتمە. كېسەل بولۇپ قېلىشىڭدىن ئىلگىرى ساغلام ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل. ئالدىراش بولۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى بوش ۋاقىتلىرىڭنىڭ قەدرىنى بىل! ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ھايات ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل!
ئىنسان ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراپ، ھەرۋاقىت الله رازى بولىدىغان ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك [شەيخنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى 1697 – نومۇرلۇق ماقالىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلدى]
