ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | «پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ئەبۇ مالىك ئەشئەرى ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْه ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن: «پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:

«بۇ يەردىكى <پاكلىق> ھەم كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىپ ياكى تەيەممۇم قىلىپ پاكلىنىشىنى، ھەم قەلبلەرنىڭ شېرىك، شەك – شۈبھە، مۇسۇلمانلارغا قارىتا نەپرەت – ئاداۋەت قاتارلىق يوقىتىلىشى كېرەك بولغان بارچە ناچار تۇيغۇلاردىن پاكلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنى بۇ ھەم ماددىي، ھەم مەنىۋى پاكلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. چۈنكى، ئىمان پاكلىنىش (تخلية) ۋە زىننەتلىنىشتىن (تحلية) ئىبارەتتۇر. ئىماننىڭ قالغان يېرىمى بولسا گۈزەل ئەخلاق ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن زىننەتلىنىشتۇر.

ھەرقانداق نەرسە پەقەت «ئۇنى مەينەتچىلىك ۋە نۇقسانلاردىن تازىلاش»، ئاندىن «ئۇنى پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن زىننەتلەش»تىن ئىبارەت ئىككى خۇسۇس ئارقىلىقلا كامىللىشىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، «پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن. [ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.]