ئىمام بىن باز | «كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇئ‍مىندىن ياخشى» دېگەن ھەدىسنىڭ شەرھى

«كۈچلۈك مۇئ‍مىن ئاجىز مۇئ‍مىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا سۆيۈملۈكرەكتۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى

ئىمام بىن باز مەزكۇر ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:

كۈچلۈك مۇئ‍مىن ـــ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش جەھەتتە كۈچلۈك بولغان ھەمدە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇئ‍مىندۇركى، ئۇ ئاجىز مۇئ‍مىندىن ئەۋزەلدۇر. ھالبۇكى مۇئ‍مىنلىك جەھەتتە، ھەر ئىككىسىدە ياخشىلىق باردۇر. لېكىن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش جەھەتتە كۈچلۈك بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان، دىننى ئۆگىتىدىغان، ئاللاھقا دەۋەت قىلىدىغان مۇئ‍مىن باشقا مۇئ‍مىنلەردىن ئەۋزەلدۇر.

مەنبە: شرح كتاب التوحيد ( 57باب ما جاء في “لو”)
* يۇقىرىقى شەرھتىن شۇ نەرسە ئېنىق بولىدۇكى، بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان «كۈچلۈك مۇئمىن»نى نوقۇل ھالدا «جىسمانىي جەھەتتە كۈچلۈك مۇئمىن» دەپ چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس.

المؤمن القوي الذي يقوى على الأمر والنهي ويجاهد في سبيل الله أفضل من المؤمن الضعيف وفي كل خير وفي كل منهما خير، في سبيل المؤمنين، لكن القوي الآمر بالمعروف الناهي عن المنكر، المجاهد في سبيل الله، المعلم الداعي إلى الله أفضل من سواه من المؤمنين دون ذلك.