ئىمام ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»دە (174-10/173) مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر غۇسۇل جۇنۇبلۇقتىن قىلىنىدىغان غۇسۇل بولسا، شۇنداقلا كىشى چوڭ – كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاكلىنىشنى مەقسەت قىلسا، بۇ غۇسۇل چوڭ – كىچىك تاھارەتسىزلىكنىڭ ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئەڭ ياخشىسى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نى ئۈلگە قىلىپ، ئاۋۋال ئەۋرىتىنى يۇيۇشى، ئاندىن تاھارەت ئېلىشى، ئاندىن غۇسۇلنى تاماملىشى كېرەك. ھەيزدارلىقتىن ۋە نىفاستىن پاكلانماقچى بولغان ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.
لېكىن، غۇسۇل ـــ جۈمە ئۈچۈن يۇيۇنۇش، سالقىنلاش ياكى تازىلىنىش دېگەندەك باشقا مەقسەتتە قىلىنسا، كىشى بۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاھارەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا (تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان) ئەزالار تەرتىپ بويىچە يۇيۇلمايدۇ. ھالبۇكى، تاھارەتتە بۇ ئەزالارنى تەرتىپ بويىچە يۇيۇش پەرزدۇر. شۇنداقلا، بۇنىڭدا جۇنۇبلۇقتىن غۇسۇل قىلىشقا ئوخشاش، پاكلىنىشنى نىيەت قىلغان تەقدىردە، كىچىك تاھارەتسىزلىككە كۇپايە قىلىدىغان چوڭ تاھارەتسىزلىك ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس.»
* شۇنىڭغا بىنائەن، كىشى سۇغا چۆمۈلۈپ چىققان بولسا، تاھارەت ئالغان بولۇپ قالمايدۇ، چوقۇم ئايرىم تاھارەت ئېلىشى كېرەك.
قال الشيخ عبد العزيز بن باز رحمه الله ، كما في “مجموع فتاوى ابن باز” (10/173-174) :
” إذا كان الغسل عن الجنابة, ونوى المغتسل الحدثين: الأصغر والأكبر أجزأ عنهما , ولكن الأفضل أن يستنجي ثم يتوضأ ثم يكمل غسله ; اقتداء بالنبي صلى الله عليه وسلم , وهكذا الحائض والنفساء في الحكم المذكور .
أما إن كان الغسل لغير ذلك ; كغسل الجمعة , وغسل التبرد والنظافة ، فلا يجزئ عن الوضوء ولو نوى ذلك ; لعدم الترتيب , وهو فرض من فروض الوضوء , ولعدم وجود طهارة كبرى تندرج فيها الطهارة الصغرى بالنية , كما في غسل الجنابة ” انتهى .
