ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:
«سەن كۈندە پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان، ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ زات (يەنى ئاللاھ عَزَّ وَجَلَّ) بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە بەش قېتىم پاراڭلىشىسەن.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا بۇنىڭدىن خۇشال بولمايسەن؟
بۇ نېمەت ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇ – سانا ئېيت ۋە ناماز ئوقۇ!»
«فأنت تناجي ملك الملوك عَزَّوَجَلَّ في اليوم خمس مرات على الأقل، فلماذا لا تفرح بهذا !؟
احمد الله على هذه النعمة، وأقم الصلاة»
احمد الله على هذه النعمة، وأقم الصلاة»
مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 1-توم 357-بەت.
نامازنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەر:
ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«إنّ أوَّلَ مَا يُحاسَبُ بِهِ العَبْدُ يَوْمَ القيَامَةِ مِنْ عَمَلِهِ الصَّلاةُ فَإِن صَلُحَتْ فقد أفلَحَ وأنجَح وَإِن فسَدَت فقد خابَ وخَسِرَ»
«قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئەمەللىرى ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ھېساب ئېلىنىدىغىنى نامازدۇر. ئەگەر ئۇ (ناماز) ياخشى بولسا، ئۇ بەندە ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە قۇتۇلىدۇ. ئەگەر ئۇ يامان بولسا، بەندە ۋەيران بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ» [ئىمام تىرمىزى، ئىمام نەسائى ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇل جامى» 2020 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].
