خىجالەت سەۋەبلىك سېتىلغان مالنى سېتىۋېلىشقا بولامدۇ؟

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:

«‌إِنَّمَا ‌الْبَيْعُ ‌عَنْ ‌تَرَاضٍ»

«سودا پەقەت ئۆزئارا رازىلىق بىلەنلا بولىدۇ» [سەھىھۇل جامى 2323]

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «زاد المستقنع»نىڭ شەرھىسىدە شۇنداق دېگەن: «ئەگەر سەن ساتقۇچىنىڭ مېلىنى ساڭا («مېلىمنى ساتقۇم يوق ئىدى» دېيىشتىن) ھايا قىلغان ۋە خىجىل بولغانلىق سەۋەبلىكلا ساتقانلىقىنى بىلسەڭ، يەنى سەن ئۇنىڭ ھايا ۋە خىجالەت سەۋەب بولمىغان تەقدىردە مېلىنى ساڭا ساتمايدىغانلىقىنى بىلگەن مۇددەتتە، ئۇنىڭ مېلىنى سېتىۋېلىشىڭ دۇرۇس ئەمەس.

شۇ سەۋەبتىن ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلغاي) شۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشى باشقىلارنىڭ بىرەر نەرسىنى ھايا ۋە خىجالەت سەۋەبلىك ئۆزىگە سوۋغا قىلغانلىقىنى بىلسە، ئۇنداقتا بۇ خىل سوۋغىنى قوبۇل قىلىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ ئۆزىنىڭ (ئاشۇ سوۋغىنى بېرىشكە) رازى ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئېيتمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمەلىيەت ئۇنىڭ رازى ئەمەسلىكىگە دالالەت قىلىدۇ».

مەنبە: الشرح الممتع لزاد المستقنع (۱۲۰/۸)

ئەسلى تېكىستى:

لو علمت أن هذا البائع باع عليك حياء وخجلا، فإنه لا يجوز لك أن تشتري منه ما دمت تعلم أنه لولا الحياء والخجل لم يبع عليك، ولهذا قال العلماء رحمهم الله يحرم قبول هدية إذا علم أن الرجل أهداها له على سبيل الحياء والخجل لأن هذا وإن لم يصرح بأنه غير راض لكن دلالة الحال على أنه غير راض.