دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورى»دىكى 90097 – نومۇرلۇق سوئال. شۇ تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى
سوئال: جەينامازغا چۈشۈرۈلگەن كەبە ۋە ياكى باشقا ئۇلۇغ جايلارنىڭ سۈرىتىنىڭ ئۈستىگە دەسسەش چەكلىنەمدۇ؟ بۇ يەردە بىر بۆلۈك كىشىلەر ئۇلۇغ جايلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن جەينامازلارغا دەسسەپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ شەكىلدىكى جەينامازلارنى سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇ ئىش ئىسلام پرىنسىپىغا كۆرە توغرىمۇ؟ ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ غا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
جانسىز نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى سىزىش خاتالىق ھېسابلانمايدۇ، كەبە ۋە باشقا مۇقەددەس ئورۇنلارمۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىدىن خالىي بولسا، بۇنىڭ سۈرىتىنى سىزىش خاتا ئەمەس.
لېكىن، ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جەينامازلىرىدا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان سۈرەتلەرنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يىپەكتىن ياكى يۇڭدىن بولغان نەقىشلىك رەختنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇۋېتىپ، رەختنىڭ نەقىشلىرىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: «بۇ نەقىشلىك رەختنى ئەبۇ جەھىمگە ئاپىرىپ بېرىپ، ماڭا ئۇنىڭ يېنىدىن نەقىشسىز رەختنى ئېلىپ كېلىڭلار، بۇ رەختنىڭ نەقىشلىرى – سىزىقچىلىرى مېنى نامازدا مەشغۇل قىلىپ قويدى» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 373-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 556-ھەدىس].
ھىشام ئىبنى ئۇرۋە دادىسىدىن، دادىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مەن نامازدا تۇرۇپ بۇ رەختنىڭ نەقىشلىرىگە قاراپ سېلىپ، دۇنيانىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىدىم» دېگەن.
نەقىشلەنگەن، بېزەلگەن جەينامازلاردا ناماز ئوقۇشنىڭ مەكرۇھلۇقى، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك مۇقەددەس – ئۇلۇغ ئورۇنلارنىڭ سۈرىتىگە دەسسەپ ھۆرمىتىنى چۈشۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ناماز ئوقۇغۇچىنى خۇشۇ-ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە دىققىتىنى يىغىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويغانلىق سەۋەبىدىندۇر. مېنىڭچە ناماز ئوقۇغۇچى جەينامازغا دەسسىگەندە ھەرگىزمۇ مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ سۈرىتىگە دەسسەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، بەلكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ سۈرەتلەرگە دەسسەپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن: مەسچىتلەرنىڭ شەكلى-سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن جەينامازلاردا ناماز ئوقۇش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىمام ئۈچۈن ئالاھىدە نەقىشلەنگەن جايناماز سېلىپ بېرىش توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ سۈرەت-نەقىشلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ ۋە ئۇياق – بۇياققا قارىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق قىلىش نامازنىڭ توغرا بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇ يوللۇق-نەقىشلىك رەخت ئۈستىدە ناماز ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ يوللىرى-نەقىشلىرىگە قاراپ سېلىپ، ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن: «بۇ نەقىشلىك رەختنى ئەبۇ جەھىمگە ئاپىرىپ بېرىپ، ماڭا ئۇنىڭ يېنىدىن نەقىشسىز رەختنى ئېلىپ كېلىڭلار، بۇ رەختنىڭ نەقىشلىرى-سىزىقچىلىرى مېنى نامازدا مەشغۇل قىلىپ قويدى» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا رىۋايەت قىلغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.
ئەگەر ئىمام ئەما بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمىگەنلىكتىن بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولمايدىغان بولسا ياكى بۇنداق ئىش كۆپ تەكرارلىنىپ بۇنداق نەرسىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولسا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنداق جاينامازدا ناماز ئوقۇسا توغرا بولىدۇ ۋە خاتالاشقان بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. “شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى”12-توم 362-بەت.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى 6-توم 181-بەتتە مۇنداق سوئال بايان قىلىنغان: «ھازىر مەسچىتلەردە كەڭ تارقالغان جەينامازلارغا ئوخشاش ئىسلام قۇرۇلمىلىرىنىڭ شەكلى-سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن جەينامازلاردا ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ شۇنىڭدەك كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن جايناماز قانداق بولىدۇ؟ ئىككى تەرىپى باراۋەر بولسىمۇ ئەمما ئاستىن تەرىپى ئۇزۇن ۋە تۆۋەن تەرىپى قىسقا بولغان شەكىللەرنى كرېست بەلگىسى دېسەك بولامدۇ ياكى چوقۇم كرېست بەلگىسى مەقسەت قىلىنغان سىزىقنىمۇ؟ بۇ مەسىلە جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدا ئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز؟ ئاللاھ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلسۇن ۋە ئاسرىسۇن!
جاۋاپ:
بىرىنچى: مەسجىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئىبادەت قىلىش، سەمىمىيلىك، خۇشۇ-كەمتەرلىك، يېلىنىش ۋە ئاللاھدىن قورقۇش بىلەن ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورۇندۇر. مەسچىتلەرنىڭ جەينامازلىرى ۋە تاملىرىنى تۈرلۈك نەقىش، بېزەكلەر بىلەن بېزەش، زىننەتلەش بولسا ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىلىنى ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، خۇشۇ-تۆۋەنچىلىكنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى سەلەف ئۆلىمالىرى بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى، مۇسۇلمانلار مەسچىتلىرىنى زىننەت-نەقىشلەردىن خالىي قىلىشى، ئىبادەتنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، نامازنىڭ توغرا بولۇشىنى، ئەجىر-ساۋابنىڭ كاتتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئورۇنلارنى دىلنى مەشغۇل قىلىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇتۇشى كېرەك.
ئىككىنچى: كرېست بەلگىسى خرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلاردا تىكلەپ قويىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، مەسىھ ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامنى دارغا ئاسقانلىقنىڭ سىمۋولى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان باتىل ئېتىقاد ۋە يالغان ئويدۇرمىنىڭ بەلگىسىدىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا يەھۇدى – ناسارالارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى توقۇلمىلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِن شُبِّهَ لَهُمْ}
«ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)» [نىسا سۈرىسى 157 – ئايەت].
مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلەرگە ۋە مەسچىتكە سالىدىغان جەينامازلارغا ئۇنداق بەلگىلەرنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنداق ئالامەتلەر بولسا، مۇنكەردىن يىراق بولۇش، ئومۇمىي جەھەتتە خىرىستىيانلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن، بولۇپمۇ ئۇلار مۇقەددەس بىلگەن نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك، كرېست بەلگىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپى ئوخشاش بولسۇن ياكى ئاستى تەرىپى ئۇزۇن، ئۈستى تەرىپى قىسقا بولسۇن يەنى قايسى شەكىلدە بولسۇن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
