1. «غەيۋەت گۇناھى كەبىردۇر»
مەنبە: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن ـــ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»
2. ئەرلەرنىڭ كىيىمنى ئوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ساڭگىلىتىپ كىيىشى گۇناھى كەبىردۇر
مەنبە: ئىمام سالىھ فەۋزان ــــــ يۇۋتۇب ئاۋازلىق ـــ كىيىمنى ئوشۇقتىن ساڭگىلىتىپ كىيىش گۇناھى كەبىردۇر
3. ئەرلەرنىڭ ساقالنى كامىل قويماستىن، تۇتامدىن قىسقا قىلىپ كېسىشى گۇناھى كەبىردۇر
مەنبە: ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ــــــ جىددە پەتىۋالىرى 28 – لېنتا.
4. «ئاياللارنىڭ شەرئىي ھىجابنى تەرك ئېتىشى گۇناھى كەبىردۇر»
مەنبە: «ئىسلام تورى پەتىۋالىرى» ـــ https://www.islamweb.net/ar/fatwa/166259/
5. پىتنىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپى بار ئەھۋالدا، نامەھرەملەرگە شەھۋەت بىلەن قاراش گۇناھى كەبىردۇر.
ئىمام ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى «كتاب الزواجر عن اقتراف الكبائر» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«الْكَبِيرَةُ الثَّانِيَةُ وَالْأَرْبَعُونَ بَعْدَ الْمِائَتَيْنِ: نَظَرُ الْأَجْنَبِيَّةِ بِشَهْوَةٍ مَعَ خَوْفِ فِتْنَةٍ»
«242-گۇناھى كەبىر ـــ پىتنىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپى بار ئەھۋالدا، نامەھرەم ئاياللارغا شەھۋەت بىلەن قاراشتۇر»
بۇ دۇنيا بىزدىن قۇرئان – سۈننەتكە ئۇيغۇن ئەمەل قىلىشىمىز تەلەپ قىلىنىدىغان سىناق ماكانىدۇر.
ئاخىرەت بولسا شۇ ئەمەللەرنىڭ جازا – مۇكاپاتىنى كۆرىدىغان راھەت ياكى ئازاب ماكانىدۇر.
ئەگەر بىز بۈگۈن ھەم ئۆزىمىزگە، ھەم بىر – بىرىمىزگە ھەقىقىي كۆيۈنسەك، ئۇنداقتا ھەم ئۆزىمىزنىڭ، ھەم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھ سادىر قىلىشىغا رازى بولماسلىقىمىز كېرەك.
چۈنكى، بىز مۇسۇلمان ھالەتتە جان ئۈزەلىگەن تەقدىردىمۇ، بۈگۈن سادىر قىلغان ۋە تەۋبە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن چوڭ گۇناھلىرىمىز ھەمدە باشقا سالىھ ئەمەللىرىمىز ئارقىلىق يۇيۇلمىغان كىچىك گۇناھلىرىمىز قىيامەتتە تارازىمىزغا قويۇلىدۇ، ئەگەر گۇناھلىرىمىز ياخشى ئەمەللىرىمىزنى بېسىپ كەتسە، ئۇنداقتا دوزاخقا كىرىپ شۇ گۇناھلارنىڭ مىقدارىدا دوزاختا كۆيىمىز.
ھالبۇكى، سەھىھ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، دوزاخقا بىر چۆكۈرۈلۈپ چىقىرىلغان ئىنسان بۇ دۇنيادا كۆرگەن بارچە راھەت – پاراغىتىنى ئۇنتۇيدۇ. شۇڭا، بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيا ھاياتىغا ئالدىنىپ، گۇناھلارنى، بولۇپمۇ گۇناھى كەبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىش پەۋقۇلئاددە ئەخمەقلىقتۇر، قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى، دوزاختىكى ئازابنى سەل چاغلاپ قالغانلىقتۇر.
گۇناھى كەبىر دېمەك ئاللاھقا قارشى سادىر قىلىنىدىغان گۇناھلارنىڭ چوڭلىرى دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھقا داۋاملىق ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ھەرقانداق مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بۇ جەھەتتە سەگەك ياشاپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشكەنلەردىن قىلغاي!
