دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت تور بېتى بولغان «ئىسلام تورى»دىن (islamweb.net) «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: مەن تۈركىيەدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەيمەن. مېنىڭ رامىزان ئېيىدا بۇ ئاشخانىدا ئىشلىشىم دۇرۇسمۇ؟ مەن بۇ ئاشخانىدىكى تاماقلارنى ئۆي ۋە دۇكانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاشخانا ئىچىدىكى خېرىدارلارغا تاماق بېرىشىگىمۇ ياردەملىشىمەن.
مېنىڭ بۇ ئىشىم گۇناھمۇ؟ شۇنىڭغا دىققەت قىلغايلىكى، مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردە نۇرغۇن ئەلەۋىيلەر بار، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارمۇ بار. بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى نېمە؟
ئاللاھ سىلىنى بارچە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي!
جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر، تەرىپلەش ۋە ئامانلىق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە بولغاي. مەقسەتكە كەلسەك:
رامزاننىڭ كۈندۈزى تاماق يېگۈچىگە تاماق ئېتىپ بېرىش، تاماق سېتىش ياكى تاماق يەتكۈزۈش دۇرۇس ئەمەس، ھەتتا خېرىدار كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ ئەھۋال شۇنداق. چۈنكى، جۇمھۇر ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، شەرىئەتنىڭ (ئۇللۇق ھۆكۈملىرىدىن سىرت) شاخچە ھۆكۈملىرىمۇ كاپىرلارغا ئوخشاشلا تەدبىقلىنىدۇ. ئەگەر رامزاننىڭ كۈندۈزى تاماق يېمەكچى بولغان كىشى مۇسۇلمان بولسا، ئۇنداقتا بۇ (يەنى ئاشۇ مۇسۇلمانغا تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش) تېخىمۇ بەك چەكلىنىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلماننىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئىجما بىلەن سابىتتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا تاماق سېتىپ بېرىش، تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش ياكى ئاشخانىدا تاماق ئېتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ رامزاندا تاماق يېيىشىگە ياردەم قىلىش دۇرۇس ئەمەس.
ھەقىقەتەن، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
{وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ}
«ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ جازاسى تولىمۇ قاتتىقتۇر.» [مائىدە سۈرىسى 3 – ئايەت]
كىمنىڭ كېسەللىك، سەپەر ياكى ئاياللارنىڭ ئادەت كۆرۈشى دېگەندەك ئۆزرىسى بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا تاماق بېرىشكە بولىدۇ. لېكىن، ئۇ تاماقنى باشقىلار كۆرىدىغان ئاشكارا سورۇنلاردا يېمەسلىكى كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن، 141171 ۋە 68499 – نومۇرلۇق پەتىۋالارغا قاراڭ.
ئەسلى پەتىۋانىڭ ئۇلانمىسى:
