ئىككى ھەرەمدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە

سوئال: مەككە مۇكەررەمدە تۇرۇپ، گۇناھ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن، لېكىن شۇ گۇناھنى قىلمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇ ئاشۇ گۇناھنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ھېسابلىنامدۇ؟ مەككە مۇكەررەمدە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردە تۇرۇشنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەپ ۋە ھۆكۈملىرى بارمۇ؟

ئىمام، ئەللامە بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ جاۋابى:

كىمكى شەرەپلىك ھەرەم بولغان مەككىدە تۇرۇپ گۇناھ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكسە، جازاغا لايىق بولىدۇ. بۇ مەككە ھەرەمگە خاس ئىشتۇر.

چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ مۇنداق دېگەن: {وَمَن يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُّذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ} «كىم ئۇنىڭدا (يەنى مەككىدە) زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز» [ھەج سۈرىسى 25 – ئايەت]

بۇ قاتتىق تەھدىت بولۇپ، ئۇ (مەككىدە) گۇناھ قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ، گەرچە ئۇنى قىلمىغان بولسىمۇ، جازاغا لايىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەككىدە تۇرۇۋاتقانلار ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك، مەدىنىدە تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئېھتىيات قىلىش كېرەك. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىنى ھەرەم قىلىپ بېكىتكىنىدەك، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇ مەدىنىنى ھەرەم قىلىپ بېكىتكەن. شۇڭا (ئىككى ھەرەمدە) بارلىق گۇناھلاردىن، ئۇلارنى قىلىشنى نىيەت قىلىشتىن ۋە ئۇلارنى قىلىشقا بەل باغلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنبە: «فتاوى نور على الدرب لابن باز – بعناية الشويعر» (17/ 299)

* تەرجىماندىن ئىلاۋە: يۇقىرىدا مەككىدە گۇناھ قىلىشنى كۆڭۈلگە پۈكۈشنىڭ كىشىنى ئاللاھنىڭ جازاسىغا لايىق قىلىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىندى. ئۇنداقتا، گۇناھنى كۆڭۈلگە پۈكۈش ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ تىل – ئابرۇيىغا تىل ئۇزارتىپ غەيۋەت قىلىش، ھارام ۋىدىيولارنى كۆرۈش قاتارلىق تۈرلۈك گۇناھلارنى ئىككى ھەرەمدە داۋاملاشتۇرساق، ئاقىۋىتىمىز قانداق بولار؟ بۇ ھەقتە ياخشىراق ئويلىنىپ كۆرەيلى.

پەتىۋانىڭ ئەسلى تېكىستى:

س: يسأل المستمع: ع. ف. غ. ويقول: ما حكم من هَمَّ بمعصية في مكة المكرمة، ولكنه لم يفعلها؟ هل يعد كمن فعلها؟ وهل للإقامة في مكة المكرمة والمدينة المنورة آداب وأحكام خاصة بهما؟

ج: مَن هم بالمعصية في الحرم الشريف المكي استحق العقاب، هذا شيء خاص بالحرم المكي؛ لأن الله يقول سبحانه: {وَمَنْ يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ}. هذا وعيد شديد يدل على أنه إذا هَمَّ بالمعصية، ولو لم يفعل يستحق العقاب، فالواجب الحذر على مَن كان في مكة، وهكذا في المدينة يجب الحذر؛ لأن الرسول صلى الله عليه وسلم حرم المدينة كما حرم إبراهيم مكة، فالواجب الحذر من المعاصي كلها، والهَمِّ بها والعزم عليها.