ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ | كۆزنى تۆۋەن قىلىش توغرىسىدا

ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

كۆزنى تۆۋەن قىلىش (يەنى نامەھرەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قاراش ھارام بولغان نەرسىلەرنىڭ ھېچبىرىگە قارىماسلىق) ۋە ئەۋرەتنى ھاراملاردىن ساقلاش مۇئمىننىڭ دۇنيا – ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر.
كۆزنى (ھارامغا قاراشقا) ۋە ئەۋرەتنى (زىنا قاتارلىق ھارام ئىشلارنى سادىر قىلىشقا) قويۇۋېتىش بولسا، دۇنيا – ئاخىرەتتە ھالاك بولۇشنىڭ ۋە ئازابقا ئۇچراشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
مەنبە: «ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىنى ياتلارغا كۆرسىتىشى ۋە بۇنىڭ خەتىرى» 12 – بەت.