ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ|نېمەتكە شۈكۈر قىلىۋاتامدۇق؟

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

{وَإِذۡ تَأَذَّنَ رَبُّكُمۡ لَئِن شَكَرۡتُمۡ لَأَزِيدَنَّكُمۡۖ وَلَئِن كَفَرۡتُمۡ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدࣱ}

ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: «نېمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەر ئۈچۈن (نېمەتلىرىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر تۇزكورلۇق (شۈكۈرسىزلىك) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم ئەلۋەتتە تولىمۇ قاتتىقتۇر» دەپ جاكارلىدى. [ئىبراھىم سۈرىسى 7 – ئايەت]

ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«ومن علامات شكر النعمة استعمالها في طاعة الله سبحانه وتعالى وعدم الاستعانة بها على شيء من معاصيه»

«ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى: شۇ نېمەتلەرنى ئاللاھ سبحانه وتعالى غا ئىتائەت قىلىشقا ئىشلىتىش؛ ئۇ نېمەتلەرنى ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا سەرپ قىلىشتىن ساقلىنىشتۇر.»

مەنبە: ئىمام بىن بازنىڭ «پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى» 9 – توم 155 – بەت.