ھەدىس شەرھى | كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ دۇنيا – ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ

سوئال: بۇرەيدەدىكى بىر ئاڭلىغۇچىمىز سورايدۇكى، «‌وَمَنْ ‌سَتَرَ ‌مُسْلِمًا ‌سَتَرَهُ ‌اللهُ ‌فِي ‌الدُّنْيَا ‌وَالآخِرَةِ» «كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، الله دۇنيا – ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەكمۇ؟ ئەگەر بىر ئىنسان بىرەر يامانلىق ياكى ھاياسىز بىر ئىش قىلىپ قويغان بولسا، مەن ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپسام، الله مېنىڭمۇ ئەيىبىمنى ياپامدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، الله سىلىنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي.

ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى 17398 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

ئىمام بىن بازنىڭ جاۋابى:

شۇنداق. بۇ ھەدىس سەھىھ بولۇپ، ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهُ دىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«مَنْ نَفَّسَ عَنْ مُؤْمِنٍ كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ الدُّنْيَا نَفَّسَ اللهُ عَنْهُ كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ، وَمَنْ يَسَّرَ عَلَى مُعْسِرٍ يَسَّرَ اللهُ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ،وَمَنْ ‌سَتَرَ ‌مُسْلِمًا ‌سَتَرَهُ ‌اللهُ ‌فِي ‌الدُّنْيَا ‌وَالْآخِرَة»

«كىم بىر مۇئمىننى دۇنيا غەملىرىدىن بولغان بىرەر غەمدىن خالاس قىلسا، الله ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ غەملىرىدىن بولغان بىرەر غەمدىن خالاس قىلىدۇ. كىم قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە ئاسانلىق ياراتسا، الله ئۇنىڭغا دۇنيا – ئاخىرەتتە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، الله دۇنيا – ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» [سەھىھۇل مۇسلىم 2699 – ھەدىس]

ئىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغىنى شۇكى، كىشى ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچماسلىقى، كىشىلەر ئارىسىدا يايماسلىقى لازىم؛ ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئەيىبىنى يېپىشى، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشى، ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرۇشى، شۇ گۇناھتىن الله قا تەۋبە قىلىشقا ئۈندىشى كېرەك. كىم شۇنداق قىلسا، يەنى قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، الله دۇنيا – ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. دەرۋەقە، جازا – مۇكاپات قىلىنغان ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

ئەمما، ھايا قىلماستىن ئاشكارا گۇناھ قىلىدىغانلارغا، مەسىلەن بازارلاردا، دۇكانلاردا ۋە مەجلىس قاتارلىق ئاشكارا سورۇنلاردا ھاراق ئىچىپ يۈرۈيدىغانلارغا كەلسەك، بۇلار ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلغانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەيىبى يېپىلمايدۇ. الله تىن ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمىز. يەنە شۇنىڭدەك، كىم باشقا گۇناھلارنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىپ، گۇناھلىرىغا پەرۋا قىلمىسا، ئەگەر مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار بۇ خىل ئاشكارا گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنى چۆچۈتەلەيدىغان ۋە ئۇلارغا جازا بېرەلەيدىغان بولسا، بۇنداق گۇناھكارلارنىڭ ئەھۋالى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارغا بىلدۈرۈلۈشى كېرەك. چۈنكى، كىم ئۆزىنىڭ ھاياسىزلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرۈپ يۈرسە، بۇنداقلارنىڭ ئەيىبى يېپىلمايدۇ. الله تىن ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمىز.