كاتتا ساھابە ئۇتبە ئىبنى غەزۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەسرەگە ۋالىي بولغان چېغىدا سۆزلىگەن جۈمە خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:
«وَإنِّي أعُوذُ بِاللهِ أَنْ أكُونَ فِي نَفْسِي عَظِيمًا، وَعِنْدَ اللهِ صَغِيرًا»
«مەن ئۆز نەزىرىمدە چوڭ، الله نىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس ئادەم بولۇپ قېلىشىمدىن الله قا سېغىنىمەن.» [سەھىھۇل مۇسلىم 2967 – ھەدىس]
ئۇنداقتا، ئۆزىنىڭ نەزىرىدە چوڭ، الله نىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس ئادەم زادى قانداق ئادەم؟
بۇنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن تاپالايمىز:
الله تەئالا مۇنداق دېگەن {إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ}
«ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادارلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇرسىلەر» [ھۇجۇرات سۈرىسى 13 – ئايەت]
يەنى كىم ئاللاھقا ئەڭ بەك تەقۋادارلىق قىلسا، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، كىشى ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھەرقانچە «ئابرۇيلۇق» ھېسابلانغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
ئۇنداقتا، «تەقۋادارلىق» دېگەن زادى نېمە؟
بۇ سوئالغا ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«تەقۋادارلىق دېگەن ـــ ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاشتۇر. بۇ بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇ چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭدىن قورقۇش، ئەمەللەردە ئاللاھنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەش ۋە راستچىل بولۇش بىلەن بولىدۇ.» [ئىمام بىن بازنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى 198 – نومۇرلۇق ماقالىدىن]
شۇڭا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ھۆرمەتلىك كىشىلەردىن بولۇشنى خالىساق، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن تەقۋادارلىق قىلايلى. قۇرئان – سۈننەت كۆرسەتمىلىرىگە پەرۋا قىلماستىن، ئىنسانلار ئارىسىدىكى كۆپۈك يۈز – ئابرۇيغا ئالدىنىپ ياشايدىغانلاردىن بولۇپ قالمايلى.
