ئىمام بىن باز | ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن نىيەت قىلغان تۇرۇقلۇق، مىيقاتتىن ئىھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى

ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن نىيەت قىلغان تۇرۇقلۇق، مىيقاتتىن ئىھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا شەيخ بىن باز رحمه الله مۇنداق دېگەن:

ھەج ياكى ئۆمرە قىلماقچى بولغان مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ئۆتىدىغان مىيقاتتىن ئىھرامسىز ئۆتۈشى دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر ئۇ ئاشۇ مىيقاتتىن ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا،

1. ئارقىسىغا قايتىپ، شۇ مىيقاتقا بېرىپ، شۇ يەردىن ئىھرامغا كىرىشى كېرەك.

2. ئەگەر ئۇنداق قىلماستىن، ئەتراپىدىكى جايدىن ياكى مەككىگە يېقىن بىرەر يەردىن ئىھرامغا كىرگەن بولسا، ئىلىم ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ بىر قوي قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ قۇربانلىق مەككىدە بوغۇزلىنىپ، پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن (زۇلھۇلەيفە، جۇھفە، يەلەملەم، قارنەل مەنازىل، زات ئىرق قاتارلىق) مىيقاتتىن ئىھراملىق ئۆتۈشتىن ئىبارەت ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىكنىڭ جازاسىدۇر.

مەنبە: شەيخ بىن بازنىڭ رەسمىي تور بېتى.

پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:

لا يجوز للمسلم إذا أراد الحج أو العمرة أن يتجاوز الميقات الذي يمر به إلا بإحرام، فإن تجاوزه بدون إحرام لزمه الرجوع إليه والإحرام منه، فإن ترك ذلك وأحرم من مكان دونه أو أقرب منه إلى مكة فعليه دم عند كثير من أهل العلم يذبح في مكة ويوزع بين الفقراء؛ لكونه ترك واجبًا وهو الإحرام من الميقات الشرعي.